باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

تاماقنى خۇشال كەيپىياتتا يېمىسە ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ

2019.07.18 17:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئوخىئو شتاتلىق داشۆنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تاماق يېگەندە خاپا، پاسسىپ كەيپىياتتا بولىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان سەمرىپ كېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 24 ياشتىن 61 ياشقىچە بولغان 42 جۈپ پىدائىينى قوبۇل قىلغان. ئىككى كۈنلۈك تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلاردىن تاماق يېگەندە، پۇل، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان تېمىلار ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ھەمدە ئۆيگە سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. تاماقتىن كېيىنكى يەتتە سائەتتە، تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى (يەنى كۆيدۈرگەن ئىسسىقلىق مىقدارى)نى ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچىگەن، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان ئەۋرىشكىسىدىكى قان شېكىرى، ئىنسۇلىن، ترىگلىتسېرىد مىقدارىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە، تاماقتىن كېيىن بىرىنچى قېتىم ئۆلچىگەندە، پاسسىپ كەيپىياتتا بولغان قاتناشقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھەر سائەتتە كۆيدۈرگەن ئىسسىقلىق مىقدارى باشقىلارنىڭكىدىن 31 كالورىيە ئاز بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئىنسۇلىن سەۋىيەسى باشقا قاتناشقۇچىلارنىڭكىدىن ئوتتۇرىچە %12 يۇقىرى چىققان، ئىنسۇلىننىڭ ماينىڭ ساقلىنىشىغا ياردىمى بار بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، پىروفىسسور جەين جىكولت گلاسېر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۈندە كۆيدۈرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى 100 كالورىيە ئازلىسا، بۇنداق يىغىلىۋەرسە، بىر يىلدا بەدەن ئېغىرلىقى 10 جىڭدەك ئاشىدۇ. شۇڭا تاماق يېگەندە ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر