باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ياز پەسلىدە ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

2019.07.18 17:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ بىڭياڭ). پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدە، ئەتىگەنلىك چېنىقىش نۇرغۇن كىشىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ پائالىيەت قىلىشتىكى تاللىشى بولۇپ قالدى، مۇتەخەسسىسلەر ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا تاللاش، سۇ ئىچىش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش قاتارلىق ئەتىگەنلىك چېنىقىش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەش، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت مەيدانى تاللاپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئەسكەرتتى.

  بېيجىڭ داشۆسى تەنھەرىكەت تېببىي تەتقىقات ئورنى تەنھەرىكەتتە زەخىملىنىش بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ياڭ يۈپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەتىگەندە پائالىيەت قىلسا ھاۋا ئانچە ئىسسىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ئۇيقۇدىن سەگىتىدۇ ھەمدە پۈتۈن كۈنلۈك ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلايدۇ، بۇ ھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن ئىندورفىن قويۇپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل گورمون كىشىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تىنچ ۋە ساپ ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئەتىگەن بىر كۈن ئىچىدە ھاۋادىكى كاربون (IV) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت بۆلىكى، بولۇپمۇ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولمىغاندا، ئوڭايلا نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە بەدەندىكى قان بىر قەدەر يېپىشقاق بولىدۇ، شۇڭا ئەتىگەندە چېنىققۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ياڭ يۈپىڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر مەسىلىسى بارلارغا نىسبەتەن، ئەتىگەندە يۈگۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئەتىگەندە يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى باشقا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرىغا بېسىم پەيدا بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتەر كوئېففىتسېنتى ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاچ قورساق ھالەتتە ياكى يۇقىرى سىجىللىقتا ئەتىگەنلىك ھەرىكەت ئىشلەنسە، ئاسانلا تۆۋەن قان شېكىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماقنى بەك كۆپ يەۋېلىپ ئەتىگەنلىك ھەرىكەت ئىشلىمەسلىك، بولۇپمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، مۇناسىپ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشتىن بۇرۇن ئازراق ئېنېرگىيە تولۇقلاش، (چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن) يەنە ئازراق ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

  ئولتۇراق رايونغا سەپلەنگەن تەنھەرىكەت سايمانلىرىدا چېنىقىدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا قارىتا، ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك ماددىسى بىر قەدەر چۈرۈك، سوقۇلۇش، يىقىلىپ كېتىش، زىيادە تارتىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئاز قىلىش ياكى قىلماسلىق كېرەك.

  تاشيولدا يۈگۈرۈشنى تاللىغاندا، ئاپتوموبىلغا يول بېرىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەر يۈزى قاتتىقراق بولغاچقا، تىز بوغۇمى ۋە ئوشۇق بوغۇمىغا بولغان بېسىم نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر كەسپىي يۈگۈرۈش ئايىغى ياكى سىلكىنىشنى پەسەيتىش ئىقتىدارى ياخشى تەنھەرىكەت ئايىغىنى تاللاش كېرەك. يەنە نۇرغۇن كىشى چىملىقتا ھەرىكەت قىلىدۇ، ياڭ يۈپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بوغۇمنىڭ بېسىمىنى ئازايتىدۇ، لېكىن يەنىلا يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت، چۈنكى مەيدان تۈز بولمىسا ياكى بەك يۇمشاق بولسا، ئوشۇق بوغۇمى قاتارلىق بوغۇملار ئاسانلا قايرىلىپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: چىملىقتا ھەرىكەت قىلغاندا، ھەرىكەت بەك قاتتىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ھەرىكەت كونتروللۇقىنى يوقىتىپ تاسادىپىي زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر