باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

خۇشال يۈرىدىغان ھەمراھىڭىز بولسا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز

2019.07.18 17:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كونىلاردا: «ئايالىڭ خۇشخۇي بولسا، ئائىلەڭ بەختلىك بولىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار. ئامېرىكا روگېس داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە: ئەگەر ئايال ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بەختلىك، دەپ تەسۋىرلىسە، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ھەمرايى خۇشال يۈرسە، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇپمۇ قالماستىن، ئۆمرىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

  گوللاندىيە تىلبۇرگ داشۆسىنىڭ جەمئىيەت پىسخىكاشۇناسى ئوۋرجا سىتانفولوف 4000 جۈپ ئەر-خوتۇنغا قارىتا تەكشۈرۈش، مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشتىن يۇقىرى ئىكەن، تەتقىقاتچى بۇ ئەر-خوتۇنلارنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، ھەمراھىنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەمراھى خۇشال يۈرمەيدىغان، بەختسىز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھەمراھى خۇشال يۈرىدىغان، بەختلىك كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «خۇشال يۈرىدىغان ھەمراھى بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەننى ئۈچ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكەن. بىرىنچىدىن، ئەگەر ھەمراھى خۇشال بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالايدىكەن، بولۇپمۇ قارشى تەرەپ ئاغرىپ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەندە. ئىككىنچىدىن، ئەگەر ھەمراھى خۇشال بولسا، قارشى تەرەپ بىلەن گەپ تالىشىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بېسىم تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، بەختلىك، خۇشال كىشىلەر بەدەن، ھەرىكەت جەھەتتىن تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، قارشى تەرەپنىمۇ يېتەكلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ تەتقىقات پەقەت ئالاقىدار تەتقىقات، بۇ خۇشال ھەمراھنىڭ بولۇشى بىلەن ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

  خەلق تورىدىن ئېلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر