باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

لايىق تاللىغاندا بۇ ئۈچ خىل ئادەمدىن يىراق تۇرۇڭ

2019.07.18 17:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممە كىشى گۈزەل مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ، بىراق بەزى قىزلار دائىم ياخشى لايىق ئۇچرىتالماي، ھېسسىيات جەھەتتە قايتا-قايتا ئازار يەيدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا «خاتا ئادەم»گە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى مىجەزى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۈچ خىل بىمارلارنىڭ خاراكتېرىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى تىزىپ چىققان، بۇ خىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەمنىڭ باشقىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تەس ئىكەن.

  1. جەمئىيەتكە قارشى تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسى. جەمئىيەتكە قارشى تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسى بار كىشىلەر جەمئىيەتكە قارشى تۇرغۇچىلار ياكى روھىي كېسەل بىمارلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1-%4تىنى ئىگىلەيدۇ. باشقىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدىغان ئۈچ خىل كىشىلەر ئىچىدە، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئەڭ خەتەرلىك. جەمئىيەتكە قارشى تىپلىق خاراكتېر توسالغۇسى بار ئەرلەردە ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ: قانۇن بىلەن ئەخلاقنى كۆزگە ئىلمايدۇ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى قىلغاندا ياكى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغاندا، روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىش ھەم پۇشايمان قىلىش ھېسسىياتىدا بولمايدۇ. ھەقىقىي ھېسىياتى يوق، يالغان گەپ قىلىدۇ، باشقىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ، قىلمىشىنىڭ باشقىلارغا قانداق ئازاپ ئېلىپ كېلىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. مىجەزى چۇس، پىلانسىز، يەنە دائىم يامان ئىللەتلەرگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ. تاجاۋۇزچىلىق خاراكتىرى بار بولۇپ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، ھۇجۇم قىلىش خاھىشى بار، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشماي، يەڭگىلتەكلىك قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى بىلەن كارى بولمايدۇ، باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن دائىم تەۋەككۈلچىلىك قىلىدۇ. مەسئۇلىيەتسىز، تىرىشىپ پۇل تېپىشنى خالىمايدۇ، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قوللىنىدۇ.

  2. ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر توسالغۇسى. ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر توسالغۇسى بار بىمارلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %6ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئەڭ جەلىپكار مىجەز تىپى. ئۇلار باشقىلارغا ئۇتۇق قازانغان كىشىلەردەك تەسىر بېرىدۇ، شېرىن-شېكەر گەپلەر بىلەن سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئېرىشىدۇ. سىزگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر ياققا تاشلاپ قويىدۇ. ئۇلاردا سۆيۈش ئىقتىدارى كەمچىل، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ. ئۆز مەپتۇنلۇق خاراكتېر توسالغۇسى بار ئەرلەردە ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ: ئۆزىنى قالتىس چاغلىغان بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىپ نەتىجە قازىنالمايدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر دەپ قارىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ھالدا مۇۋەپپەقىيەت، ھوقۇق، قابىلىيەت، گۈزەل تۇرق ياكى كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببەتكە ئېرىشىش خام خىيالىنى قىلىدۇ. ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىنى ئالاھىدە دەپ قاراپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى ئادەملەرنىلا ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماس كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. دىققەت نۇقتىسى بولۇشقا ئىنتىزار بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ياكى ماختىشىغا موھتاج بولىدۇ. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، باشقىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھېسسىياتتا ئورتاقلىشىش، ھېسسداشلىق قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ياكى ئېھتىياجىنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدۇ ياكى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەسەتخورلۇق خاراكتېرى كۈچلۈك، دائىم باشقىلارغا ھەسەت قىلىدۇ ياكى باشقىلارنى ئۆزىگە ھەسەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ھاكاۋۇر، ئۆزىنى يۇقىرى چاغلايدۇ، ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدۇ.

  3. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تىپىدىكى خاراكتېر توسالغۇسى. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تىپىدىكى خاراكتېر يەنە ئۆزىنى قاچۇرۇش تىپىدىكى خاراكتېر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، رىقابەتكە يۈزلەنگەندە ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ ياكى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تىپلىق خاراكتېردىكى كىشىلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ: جەمئىيەتكە ماسلىشالمايدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلايدۇ، ئۆزىدىن باشقىلارغا ئىشەنمەيدۇ، باشقىلارغا بېقىنمايدۇ. قورقۇنچاق، باشقىلار بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كېتىپ ئازار يەپ قېلىشتىن قورقىدۇ. كەيپىياتى چۈشكۈن، باشقىلار بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. روھى ھالىتى پاسسىپ، ئۆزى ھەم ھەمراھىغا بولغان قارىشى پاسسىپ. ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، ئۆزىنى ھەمراھىغا ماس كەلمەيمەن دەپ قارايدۇ. گۇمانخور، ھەمراھىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنمەيدۇ. ئېتىبارسىز قارايدۇ، ھەمراھى بىلەن ھېسسىياتى يىراقلاشقاندا، دائىم ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىنكار قىلىدۇ.

  كونىلار: «توغرا ئادەمگە يولۇققاندا، كۈندە بايرام؛ خاتا ئادەمگە يولۇققاندا، كۈندە يىغا-زار» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مۇھەببەتكە كەلگەندە چوقۇم ئەستايىدىللىق بولغاندا، ئاندىن توغرا ئادەمنى تاللىغىلى بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن ئېلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر