باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئەر-خوتۇنلاردىكى ھېسسىياتنىڭ يىراقلىشىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ

2019.07.18 17:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەر-خوتۇنلار ھايات مۇساپىسىدە بىر-بىرىگە ئەڭ ئۇزۇن ھەمراھ بولىدىغان سەپەرداش. ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ئامراق بولسا تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق. ئەنگلىيەلىك ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەر-خوتۇنلاردىكى ھېسسىياتنىڭ يىراقلىشىشى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  ئەنگلىيە ئېدىنبورگ داشۆسى پىسخىكا ئىلمى تەتقىقاتچىسى سارا سىتانتون دوكتور شۇنداقلا تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر توي قىلغان 25 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان 1200 كىشىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان، سىناققا قاتناشقۇچىلاردىن 1996-يىلىدىن باشلاپ ھەمراھىنى چۈشىنىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسىگە باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە 2006-يىلى ۋە 2016-يىلى، يەنە ئوخشاش سوئالنى سورىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار سوئال قەغىزىنى تولدۇرۇپ، خىزمەت، ئائىلىدە ئۇچرىغان بېسىم بولىدىغان ئىشلارنى ھەم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىدا بولغان ئىنكاسنى خاتىرىلىگەن. بۇ ئىنكاسلار قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، ئەندىشە قىلىش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات شۇنداقلا خۇشال بولۇش، تىنچلىنىش، قانائەتلىنىش ياكى مەغرۇرلىنىش قاتارلىق ئاكتىپ كەيپىياتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا ھەمراھىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ، ھەر تەرەپتىكى بېسىمغا بولغان ئىنكاسى ئورتاق ناچار بولغان. بۇنداق بولۇپلا قالماستىن، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ 20 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %42 ئاشقان.

  سىتانتون دوكتورنىڭ مۇلاھىزىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلاشسا ئاسانلا كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىق ۋە بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم ئۇزۇن مۇددەت يىغىلسا ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپى ئۆزگىرىپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە سەكتە بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن، بېسىم گورمون كورتىزولى ئۆرلەش، ئىنسۇلىن چەكلىمىگە ئۇچراش، قان قەنتى ئۆرلەش قاتارلىق بىر قىسىم ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئامېرىكا پىسخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم يۈرەك كېسىلى، راك، ئۆپكە كېسىلى، كۈتۈلمىگەن ۋەقە، جىگەر قېتىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قاتارلىق ئالتە خىل ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر