باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ھور مۇنچىغا چۈشۈش ئوتتۇراھال سىجىللىقتا چېنىققانغا باراۋەر

2019.07.18 17:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتى ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى، يەنى ھور مۇنچىغا چۈشۈشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋاپىق چېنىققانغا ئوخشاش ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

  بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنى گېرمانىيەنىڭ مارتىن لۇتېر داشۆسى ۋە بېرلىن تېببىي مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن. ھور مۇنچىنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان بىۋاسىتە تەسىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 19 پىدائىي ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار كۆپ قېتىم ھور مۇنچىغا چۈشكەن ياكى كۈچ ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ۋېلسىپىت مىنگەن. تەتقىقاتچىلار پىدائىيلارنىڭ قان بېسىم ۋە يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ھور مۇنچىغا چۈشكەن چاغدىكى قان بېسىم سەۋىيەسى بىلەن يۈرەك رىتىمىنىڭ ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەت قىلغاندىكى ئۈنۈمگە يەتكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقات دوكلاتى خەلقئارا ئېلىم-پەن ژۇرنىلى «تېببىي تولۇقلىما داۋالاش ئۇسۇلى»دا ئېلان قىلىنغان.

  مارتىن لۇتېر داشۆسىنىڭ دوكتورى ساشا كايتېرگ مۇنداق دېدى: «ھور مۇنچىغا چۈشۈش بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئاكتىپ تەسىرى تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭكىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ. ھور مۇنچىغا چۈشۈش ھەرگىزمۇ بەستلىك «كۈچتۈڭگۈر»لەرلا بەھىرىلىنىدىغان پائالىيەت ئەمەس، يېنىك ۋە ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار ھور مۇنچىغا چۈشۈش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقتىسىگە يەتسە بولىدۇ. ئەمما، قان بېسىمى تۆۋەنلەر قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، چۈنكى ھور مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىن قان بېسىم ھور مۇنچىغا چۈشۈشتىن بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا، ھور مۇنچىغا چۈشۈپ قاتتىق تەرلىگەندىن كېيىن، چوقۇم ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.»

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر