باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن دوست بولماڭ

2019.04.30 17:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەشۇقىڭىز بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بەلكىم قارشى تەرەپنى بىراقلا ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولالمىساق ئادەتتىكى دوست بولساقمۇ بولىدۇغۇ دەپ ئويلايسىز، قانداقلا بولمىسۇن سىز ئۇنىڭغا يەنىلا كۆڭۈل بۆلىسىز. بىراق پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشىق-مەشۇقلار ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغاندا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدىكەن، ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولمىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن. تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل ئەھۋالدا، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ دوستلىشىشى تەشەببۇس قىلىنمايدىكەن.

  1. قەلبتىكى ئازاب يوقىمىغاندا. ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئازابنى بىردەمدە ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىپ ئازابنى يەڭگىللەتسىڭىز بولىدۇ. ئازاپلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، ئوڭۇشسىزلىق، نەپرەتلىنىش قاتارلىقلارنى ھېس قىلغاندا، بۇ كەيپىياتلارغا قانداق ماسلىشىشنى ئۆگىنىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىزنى دوستىڭىزغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق «قۇتۇلماسلىقىڭىز» كېرەك. ئەگەر قەلبىڭىزدە يەنىلا كىشىنى پەرىشان قىلىدىغان ئازابلىق كەيپىيات بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن دوستلىشىشقا تەييارلىقىڭىز پۈتمىگەن بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپتىن تەسەللىي بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئىككىنچى قېتىم ئازار يەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

  ئەگەر قەلبىڭىز ھېلىھەم ئازابلىنىۋاتقان بولسا، پاسسىپ روھىي ھالەتتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز، پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ياكى ئىشىنىدىغان دوستىڭىزنى ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ روھىڭىزنى كۆتۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ داۋالىيالايسىز، مەسىلەن كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشتىن سىرت، قالايمىقان بولۇپ كەتكەن پىكىر ۋە ھېسسىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشىڭىزغا پايدىلىق.

  2. ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىز تىلغا ئېلىنسا ھاياجانلىنىپ كەتسىڭىز. ئەگەر ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىز تىلغا ئېلىنغاندا، سىز توختىماي سۆزلەپ، يىغلاپ ياكى بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىز بىلەن دوستتەك ئۆتۈشۈڭلارغا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى پىسخولوگ دىنا. تايشىن مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇنداق ئەھۋال بولسا، بۇ سىزنىڭ تېخىچە ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى ۋە ئازابىغا يۈزلىنىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى، كېچە-كۈندۈز ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىزنى ئەسلەۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئازابنى يەڭگەن بولسىڭىز، سىز ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز توغرىسىدا ئادەتتىكىدەك پاراڭلىشالايسىز، ھەرگىزمۇ تىلغا ئالغاندا دېمىڭىز ئىچىڭىزگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. تەكلىپىم بۇ ۋاقىتتا دىققەت نۇقتىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئايرىلىپ كېتىپ نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىڭىزگە قارىتىڭ، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپ بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىماڭ.»

  3. ھازىرمۇ كۈندەشلىك قىلىۋاتقان بولسىڭىز. دوستلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش، ھېسسىيات ئەھۋالى توغرىلىق پاراڭلىشىش ئادەتتىكى ئىش. ئەگەر سىز ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ھەسەت ئوتى قوزغالسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

  ئۆزىمىزنى سىناپ كۆرسەك بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى مۇشۇ پەيتتە بۇرۇنقى سۆيگىنىڭىز بىلەن قەھۋاخانىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتىم دەپ قىياس قىلىڭ، قارشى تەرەپنىڭ يان تېلېفونى سايراپ، باشقىلار ئۇنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلسا، سىز دىمىقتا بولۇپ، نەپرەتلىنەمسىز ياكى بىمالال يۈزلىنەمسىز؟ دوستلۇق قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشىدا داۋالغۇش بولغاندا، سىزنىڭ مەدەت بېرىدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر سىز ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا باشقىلارنىڭ كىرىشىنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ۋاقتىنچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشماي تۇرۇڭ.

  4. مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتسىڭىز. ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، سىزنىڭ ھازىر ئىلگىرىكى مەشۇقىڭىز بىلەن دوست بولۇشىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىش ئويىڭىز بارمۇ يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشقا ماس كەلمەيسىز، ھېچبولمىغاندا ھازىر ماس كەلمەيسىز.

  دوست بولۇشتا باشقىچە غەرەز بولسا، سىلەرنىڭ ھەقىقىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتالىشىڭلار تەس بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقۇڭلاردىن يەنە بىر قېتىم رومانتىك گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى كۈتۈش ئىككىڭلار ئۈچۈن پايدىسىز. چۈنكى بۇنداق تەسەۋۋۇردا، قارشى تەرەپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىش قىلمىسا، يەنە بىر قېتىم ئۈمىدسىزلىنىسىز.

  5. قەلبتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئويلىسىڭىز. ئىلگىرى مەشۇقىڭىز بىلەن كۈندە بىرگە بولۇپ، بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىڭىز بولۇشى، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ھەممىسى نۆل بولۇپ، سىزدە ئېغىر يوقىتىش تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، سىز «دوستلۇق» نامى بىلەن، قارشى تەرەپتىن قەلبڭىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق قىلىش بەلكىم قىسقا ۋاقىتتا سىزگە تەسەللىي بېرەلىشى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۆزىڭىزنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن ئورتاق پىكرىڭىزنىڭ بارغانچە ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتىن كەلگەن خۇشاللىقىنىڭمۇ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر يالغۇزلۇق ھېس قىلسىڭىز، بۇرۇنقى قىزىقىشىڭىزنى تېپىۋالسىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسىڭىز، ياكى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدا پىدائىي بولۇپ، ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلىپ ئەھمىيەت تۇيغۇسى ۋە مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئاتا قىلسىڭىز بولىدۇ.

  6. تېخىچە ئۇچۇر توپلاۋاتقان بولسىڭىز. قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتىڭىز قالمىغان بولسىمۇ، بىراق ھەر كۈنى تورغا چىققاندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۇنىڭ قەيەردە، كىم بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە جىددىيلىشىسىز. بۇنداق تورغا چىقىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىشقا بېرىلىپ، قارشى تەرەپتىن بىۋاستە سورىمىسىڭىز، دېمەك سىز ئۇنى تېخى ئۇنتۇپ كەتمىگەن بولىسىز. ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ دۇنياسىدىن يىراقلاشتۇرماسلىق زىيانلىق، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىلىق كۆپ ئويلاڭ.

  7. قارشى تەرەپنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈش. ئەگەر ئايرىلىپ كېتىشنى سىز تەلەپ قىلغان تۇرۇقلۇق، ھازىرمۇ قارشى تەرەپ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە تەسىر قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى ئارقىلىق ئۆزىڭىز كۈتكىنىڭىزگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ خىل ئويدا بولغان بولسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن دوست بولماڭ. قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەندەك ئۆزگەرتىش ئادالەتسىزلىك، شۇنداقلا ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق.

  ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا سىلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىڭلارغا مىجەزىڭلارنىڭ ماسلاشماسلىقى ياكى قارشى تەرەپنىڭ ھاراقكەش بولۇشى، ھېسسىيات جەھەتتە ئەستايىدىل بولماسلىقى سەۋەب بولغان بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلماڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، جاھىللىق قىلغاندا بۇرۇنقى مەشۇقىڭىز بىلەن يارىشالمايلا قالماي، يەنە سىزنىڭ ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ھەمراھىڭىزنى تېپىشىڭىزغىمۇ دەخلى قىلىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر