باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

دۇنياغا مېھر-مۇھەببەتلىك كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سېلىڭ

2017.03.03 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنسان ئۈچۈن بۇ دۇنيادا زۆرۈر بىر نەرسە بار، ئۇ بولسمۇ مېھر-مۇھەببەتتۇر. مېھر-مۇھەببەت ئادىمىيلىك بالقىپ تۇرغان ئۇقۇم ، ئۇ يالغۇز بىر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئىنسانغا ئالەمچە ھۇزۇر، تۇرمۇشقا خوشاللىق بېغىشلايدىغان، ساپ ۋە پاك ھېسلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەڭ گۈزەل ۋە سەمىمىي تۇيغۇ؛ ھاياتلىق ئالىمىنى ياشناتقۇچى قۇرىماس بۇلاق، كىشىگە ئۈمىد ۋە شادلىق بەخىش ئەتكۈچى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ؛ كىشىلەر ئوتتورىسدىكى دوستلۇق، ئىشەنچ، ساداقەت نۇرلىرىنى چاچىدىغان بىر خىل قىممەتلىك ئەڭگۈشتەردۇر. ئەگەر كىشى قەلبىدە مېھر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بولمىسا، ھاياتلىق ئالىمى ئاللىقاچان قاراڭغۇ زۇلمەت بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن بولاتتى.

  كۈچلۈك ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، مېھر- مۇھەببەت تۇيغۇسى __ گۈزەل ئەخلاقنىڭ يارقىن نامايەندىسى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەممە ئىشىنى يالغۇز ئۆزىلا قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقىپ كېتەلىشى ناتايىن. خۇددى دانا ئەجدادلىرىمىزنىڭ «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر»، «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار» دېگىنىدەك، بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەر بىر ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرشى، ئۆز-ئارا غەمخورلۇق قىلىشىغا، كۆيۈنۈشىگە مۇھتاج بۇلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم مېھر-مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇنىڭ روھىيىتىدە شەخسىيەتچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، مەنمەنچىلىك ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىش بارغانسېرى سۇسلىشىپ، ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ.

  مېھر-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ ھەم ئۇنى باشقا نەرسىلەر بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى ۋە باشقا نەرسىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى مېھر-مۇھەببەت ئىنسانغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ، ئىنسان مېھر-مۇھەببەت بىلەن ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆزىنىڭ چىن ماھىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ يېقىملىق كۈيلىرىنى ياڭرىتالايدۇ.

  مېھر-مۇھەببەت گويا بۇلاقكى سۈزۈك ئاي شولىسىدەك يېقىملىقلىقى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. خۇددى قۇياش نۇرىدەك مۇزلىغان قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتەش تەپتىدىن زىمىستاندا باھار جىلۋە قىلىدۇ. مېھر-مۇھەببەت، سەمىمىي ساداقەتتىن ئاپىرىدە بولغان ئاجايىپ مۆجىزىلەر سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. خۇددى لۇتفىنىڭ: « كىشكىم يوقتۇر مىھرۇ-ۋەفاسى، ئەگەر خۇرشىددۇر ئاندىن نە ھاسىل؟» دېگىنىدەك، كىمنىڭدۇر بىر يۇتۇم سۈيى، كىمنىڭدۇر ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى، كىمنىڭدۇر بىر ئېغىز ياخشى سۆزى، كىمنىڭدۇر ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىر بېقىشى بىلەن شىكەستىلەنگەن قەلبدە ئۇلۇغۋار ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىشى، مۇزلىغان قەلبنى ئېرىتىشى مۇمكىن. شۇنداق، دۇنيا مېھر-مۇھەببەت بىلەن ئاجايىپ گۈزەل. ھەر بىر قەلب مېھر- مۇھەببەتكە تولغان تەبەسسۇم بىلەن گۈزەل، ھەر بىر قەلب مېھر-مۇھەببەت تەبەسسۇمى بىلەن سۇغرىلغانلىقى بىلەن گۈزەل.

  مېھر-مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا بەئەينى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ئازادە بىر ماكانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قوينىدا بەرىكەتلىك ئىزلار، مېھر-شەپقەتلىك خالىس سېخىي قوللار مۇجەسسەملەنگەن بۇلىدۇ. شۇڭا ئىنسان قەلبى مېھر-مۇھەببەت تەبەسسۇمى بىلەن سۇغىرىلغاندا، دۇنيا ئاجايىپ گۈزەل، خۇددى قوينى كەڭ جەننەتتەك بىلىنىدۇ. مېھر-مۇھەببەت تۇيغۇسىغا ئىگە كىشلەر باشقىلارغا مېھر-مۇھەببەت ئاتا قىلالايدۇ. باشقىلارغا مېھر-مۇھەببەت قولىنى سۇنۇش ئارقىلىق ئۆزى تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. مېھر-مۇھەببەتكە تولغان ھايات ھەققىي گۈزەل ھەم مەنىلىك ھاياتتۇر. ۋەھالەنكى، ئادەم تۇرمۇشتا مېھر-مۇھەببەتتىن ئايرىلالمايدۇ. تۇرمۇشتا مېھر- مۇھەببەت بولمسا، بۇنداق تۇرمۇش مۇكەممەل بولمايدۇ، بۇنداق ياشاشنىڭ قىممىتىمۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئادەم باشقىلارغا مېھر- مۇھەببەت قۇلىنى سۇنۇش ئارقىلىق، ئۆزى نەچچە ھەسسە ئارتۇق مېھر - مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. باشقىلارغا مېھر-مۇھەببەت ئاتا قىلماي تۇرۇپ، خوشاللىققا، بەخىتكە ئېرشەلمەيدۇ. چىن مېھر-مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. دۇنيا مېھر-مۇھەببەتكە، كۆيۈنۈشكە تولغاندىلا، قەلبلەر قەلبلەرگە تۇتۇشۇپ، جەمئىيەت تېخىمۇ گۈزەل، مەدەنىي تۈسكە كىرىدۇ، ھايات ھەققىي گۈزەل ھەم مەنىلىك تۇيۇلىدۇ. ئىنسانىيەت سۆيگۈسى بىزنى ئۇلۇغلۇققا يېتەكلەيدۇ. مېھر-مۇھەببەت خۇددى مەشئەلدەك كىشىلەر قەلبىگە يۇرۇقلۇق، ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ، مېھر-مۇھەببەتنىڭ ئىللىق ھارارىتىدىن دىللار سۆيۈنۈپ ياشنايدۇ. سىز باشقىلارغا بەرگەن مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز ئېرىشىدىغان مۇكاپاتتۇر.

  ئەگەر سىز بىرسىگە خۇشپۇراق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلسىڭىز، قولىڭىزدا شۇ ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى ۋە ئىزناسى قالىدۇ-دە، كۆڭلىڭىز شۇ پۇراق بىلەن ئۇزۇنغىچە شادىيانە تۇيغۇدا بۇلىدۇ. ئەگەر سىز چىن سەمىمىيىتىڭىز ، ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن يوقسۇللارغا بىر قەترە مېھر بېرەلىسڭىز، باشقىلار سىزگە ئون قەترە مېھرىبانلىق كۆرستەلەيدۇ، سىزمۇ خوشاللىق، ئازادىلىك ئىچىدە بەخىتلىك ياشىيالايسىز، تۇرمۇشىڭىز يېڭى-يېڭى مەنىلەرگە تولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز دۇنيا گۈزەللىككە، شادلىققا ۋە بەختيارلىققا تولسۇن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناقلىققا، سۆيگۈگە تولسۇن دېسىڭىز، دۇنياغا مېھر-مۇھەببەتلىك كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سېلىڭ. (ئاپتورى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2-ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەنسۇرجان تۇرسۇن)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر