باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

قىشتا ئاشلىققا چۈشكەن مىتىنى يوقىتىش ئۇسۇلى

2016.11.04 16:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىشتا ئاشلىققا چۈشكەن مىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى ئۇسۇلنى قوللىنىش لازىم:

  1. قىشتا ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە، ئاشلىق پونكىتلىرىنىڭ چوڭ ئامبارلىرىدىكى مىتە چۈشكەن ئاشلىقنى پاكىز سۈپۈرۈلگەن مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ بەش سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىتىپ، شامالدىتىش ھەم يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئۆرۈپ تۇرۇش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامبارنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، كونا ئاشلىقلارنىمۇ پاكىز تازىلاش كېرەك؛ ئاخىرىدا سىرتتا شامالدىتىلغان ئاشلىقنىمۇ تاسقاپ ئاندىن ئامبارغا ئەكىرىش لازىم. دېھقانلار ئائىلىلىرىدە تاغار، خالتا، ساندۇقلاردا ساقلىغان ئاشلىقلىرىغىمۇ قىشتا مىتە چۈشسە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.

  2. ئەگەر چوڭ ئامبارلاردا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىقنى سىرتقا يۆتكەپ چىقىپ شامالدىتىشقا شارائىت يار بەرمىسە، ئامبارنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئاشلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆرۈپ، ئامبارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، قىشتا ئاشلىققا مىتە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئاشلىققا چۈشكەن مىتىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، ئاشلىقنى ئۇزاق مەزگىل ساقلىغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر