باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

سىز قەھۋە ئىچىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز

2016.10.24 16:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربتە قەھۋە ئىچىش بىر خىل ئادەت. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىمۇ قەھۋە ئىچىش بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. ئۇنداقتا، سىز قەھۋە ئىچىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان ياخشى ۋە يامان تەرىپىنىچۇ؟

  1. قەھۋە ئىچىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى

  (1) تەركىبىدە ۋىتامىن B بار.

  (2) ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

  (3) ھاراق كېسىدۇ.

  (4) ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  2. قانداق ئادەملەر قەھۋە ئىچىشكە ماسكە كەلمەيدۇ؟

  (1) ئاشقازان كېسىلى بارلار

  (2) يۇقىرى قان بېسىمى بارلار

  (3) ھامىلىدارلار

  3. قەھۋە ئىچىشنىڭ يامان تەرەپلىرى

  (1) قەھۋەنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشى ئۈچۈن سەككىز سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا سائەت 15:00 تىن كېيىن ئىچسە ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  (2) ھامىلىدارلار ئىككى ئىستاكاندىن ئاز ئىچىشى كېرەك، بولمىسا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

  (3) يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.

  (4) رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بولۇش نىسبىتى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

  (5) بەدەندىكى ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تېزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  شۇڭا، كىشىلەر قەھۋە ئىچىش-ئىچمەسلىكنى ياكى قانچىلىك ئىچىشنى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا بېكىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر