باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئۇيقۇڭىزنىڭ قانماسلىقى بەلكىم يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن

2016.10.24 16:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى، ئۇيقۇڭىزنى كەلتۈرىدىغان يېمەكلىكلەر

  1. گاڭپەن «گۈرۈچ ئېشى» ئىستېمال قىلىش

  گاڭپەن تەركىبىدە قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى، بۇ كىشىنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كىشىلەر گاڭپەن ئىستېمال قىلغاندا گۆش تۈرىدىكى ياكى باشقا خىل يېمەكلىكلەرنىمۇ بىللە ئىستېمال قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋالدا كىشىنىڭ تېخىمۇ ئۇيقۇسىنى كېلىدۇ.

  2. بولكا ئىستېمال قىلىش

  بولكا ئىستېمال قىلغاندا كىشىنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى بولكا تەركىبىدە قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى، تۆۋەن تالالىق يېمەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن تېز پارچىلىنىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئېنېرگىيە تولۇقلىيالمايسىز.

  3. قىزىل گۆش ئىستېمال قىلىش

  قىزىل گۆشنىڭ تەركىبىدە ماي مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ھامبۇرگ بولكىسى ۋە يالپاق كالا گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەر تېزلا ئۇيقۇڭىزنى كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سىزنىڭ بەدىنىڭىز ئىنتايىن كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ئارقىلىق، قىزىل گۆشنى پارچىلايدۇ. شۇڭا، بەدىنىڭىزدىكى نۇرغۇن ئېنېرگىيە قىزىل گۆش پارچىلاشقا سەرپ قىلىنىدۇ.

  4. تاتلىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش

  تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى كۆپ، سىز تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغىنىڭزدا بەدىنىڭىز ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىڭىزمۇ ئوخشاشلا تىرپىتامىن كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  5. بەزى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش

  يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق بەزى كېسەللەرنىڭ دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ كىشىنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ.

  ئىككىنچى، بەدەننىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

  1. ئۇيقۇ كەملىك

  ئۇيقۇ كەملىك چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى. بەدەن سىستېمىڭىز بىلەن بەدەن ئەزالىرىڭىز يېتەرلىك ئارام ئالالمىغىنىدا، چوڭ مېڭىڭىزگە ياخشى ئارام ئالالمىغان ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ، ئارام ئېلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

  2. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك

  بەدىنىڭىزدە تۆمۈر ماددىسى، ۋېتامىن D، ۋېتامىن B قاتارلىق ئېلېمنېتلار كەمچىل بولغاندىمۇ چارچاش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بىز ئادەتتە ۋېتامىن تولۇقلاش ئارقىلىقمۇ چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالساق بولىدۇ.

  3. روھىي بېسىم يۇقىرى بولۇش

  روھىي بېسىم يۇقىرى بولغاندا سىزنىڭ پىسىخىكىڭىزغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەدەن ئەھۋالىڭىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  4. بەزى كېسەللىكلەر

  بەزىدە قان ئازلىق، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ سىزنى ئوڭايلا چارچىتىدۇ.

  5. ھورمۇنلارنىڭ تۇراقسىزلىنىشى

  ھورمۇنلار تۇراقسىزلىنىشىمۇ كىشىلەرنى ئاسانلا چارچىتىدۇ. مەسىلەن ھامىلىدار بولغاندا، ھەيز كۆرگەندە، ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە ئادەم ئاسانلا چارچايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر