باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

كۆچمە خەۋەرلىشىش پونكىتلىرى كۆپەيگەنسېرى رادىياتسىيە تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك بولامدۇ؟

2016.10.10 14:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزىلەر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش پونكىتلىرىنىڭ ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسى پەيدا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىدۇ.

  ئادەتتە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئەتراپىغا قۇرۇلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش پونكىتلىرىنىڭ رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسى 30 ۋات ئەتراپىدا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 300 ۋات ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش پونكىتلىرى ئارىسىدا 100 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق بولىدۇ، 300 ۋاتلىق خەۋەرلىشىش پونكىتلىرىنىڭ 100 مېتىر ئارىلىقتىكى رادىياتسىيە ئېنېرگىيە زىچلىقى 10 مېتىر ئارىلىقتىكى خەۋەرلىشىش پونكىتلىرىنىڭ 100 دىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش بەلگىلىمىسى››دىكى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆچمە خەۋەرلىشىش پونكىتلىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن 100 مېتىر نېرىسىدا بولسىلا، خەۋەرلىشىش پونكىتلىرىنىڭ ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر