باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ياخشى ئۇخلاشقا ياردەم بېرىشتىكى ئەپچىل چارە

2016.10.08 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا كۆپ سۆزلەش ھاجەتسىز، لېكىن ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت تەخمىنەن %14 قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى كەچتە «ئۇخلىيالايدىكەن». « بەك ھېرىپ كېتىش»مۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ چېنىقىش ئۆيىگە بارماسلىقنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغان. زادى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا، ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » بىر نەچچە كىچىك ئەپچىل چارىنى تېپىپ چىقتى. ئالدى بىلەن، ۋاقتىدا ئۇخلاش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بېكىتكەن ۋاقىت كېلىشى بىلەنلا ئۇخلاش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ئىمكانقەدەر چۈشتە بىر سائەت ئۇخلاش كېرەك، بۇ كېچىلىك ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆزىگە ئۆزى باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى ئويلىماڭ، دەپ ئەسكەرتىش، ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلاش ھەمدە سۆزلەش، ياكى يېزىپ چىقىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا ئازراق بىر نەرسە يېيىش كېرەك، ئۆزى قول سېلىپ ئۆزگىچە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. بانان ۋە خام كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇخلاشقا پايدىلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنت گۇرۇپپىسى بار. ئەڭ ئاخىرىدا، بەك كەچ ھەرىكەت قىلماسلىق، شۇنداقلا نەچچە ئىستاكان ھاراق بىلەن خاتىرجەم ئۇخلاشنى ئۈمىد قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئەكسىچە تېخىمۇ بالدۇر ئويغىنىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر