- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق ساقلاش ئۇسۇلى
2016.09.06 14:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قىش ۋە ئەتىيازدا ئائىلىلەردە ئاشلىق ساقلاشتا، قىسمەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ پۇرىقىدىن پايدىلىنىپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاشلىقنى بىخەتەر ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1 . كاۋاۋىچىننى ئېزىپ، ئۇنىڭغا ئارپىبەدىيان قوشۇپ داكىغا ئوراپ، ئاشلىق ئارىسىغا قويىمىز. ئادەتتە 50 كىلوگرام ئاشلىققا كاۋاۋىچىن بىلەن ئارپىبەدىيان ئارىلاشمىسىدىن 100 گىرام قويساق بولىدۇ.
2 . يېڭى، خام زەنجىۋىلنى پارچىلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئاشلىقنىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە قويساق، ھاشارات زىيىنىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
3 . سامساقنى ئاقلاپ گۈرۈچ ۋە ئۇن ئارىسىغا سېلىپ قويساق، زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4 . قارىغاي ياغىچىنىڭ پارچىسىنى ئاشلىق دۆۋىسىگە سېلىپ، ئېغىزىنى چىڭ ئېتىپ ساقلىساق، ئاشلىقنى بىخەتەر، يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر