باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

توك چەينىكىنىڭ چېيى زىيانلىقمۇ؟

2016.08.25 14:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، %.6 55 توك چەينىكى، %.2 22 مېۋە سىقىش ماشىنىسى ۋە پۇرچاق سۇيۇقلۇقى ماشىنىسىغا يۇقىرى مانگانلىق پولات ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مانگان مىقدارى %10 ئەتراپىدا بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېمەكلىك قاچىلىرى قىزىتىلغاندىن كېيىن قاچىدىكى مانگان سۇغا ئېرىپ چىقىدىكەن. بەدەنگە كىرىدىغان مانگاننىڭ مىقدارى مەلۇم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  تەركىبىدىكى خىرومنىڭ مىقدارى %18 تىن يۇقىرى، نىكېلنىڭ مىقدارى %8تىن يۇقىرى بولغان داتلاشماس پولاتلارلا ھەقىقىي داتلاشماس پولات بولىدۇ، داتلاشماس پولات مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە باغلىق بولىدۇ. ئادەتتە نىكېلنىڭ باھاسى مانگان باھاسىنىڭ ئون ھەسسىسىگە تەڭ بولغاچقا ، بەزى داتلاشماس پولات مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار مەقسەتلىك ھالدا خىرومنى ئاز ئىشلىتىدۇ ياكى نىكېلنىڭ ئورنىغا مانگان ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داتلاشماس پولاتلارنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى قەۋىتى ئۆلچەمسىز بولۇپ ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېتاللارنىڭ بەلگىلىمىدىن ئارتۇق ئايرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر