باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئېشىپ قالغان پىۋىنىڭ ئەپچىل ئىشلىتىلىشى

2016.08.19 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېشىپ قالغان پىۋىنى ئىچكىلى بولمايدۇ. تاشلىۋەتسە ئىسراپچىلىق بولىدۇ، ئەمما تۆۋەندىكىدەك پايدىلانسا ھەم ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغىلى ھەم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ:

  1. گاز ئوچاق سۈرتۈش. يۇمشاق لاتىنى پىۋىگە تەگكۈزۈپ گاز ئوچاق ياكى بۇستارتقۇنى سۈرتكەندە ماي داغلىرى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

  2. گۈل سۇغىرىش. پىۋىدە كۆپ مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بولىدۇ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ھەر خىل ئۆسۈملۈك ۋە گۈل – گىياھلارنىڭ مېتابولىزمىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى قەنت، ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتا ۋە فوسفات قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار گۈل – گىياھلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

  3.گۈل – گىياھ يوپۇرماقلىرىغا پۈركۈش. سۇ بىلەن پىۋىنى 10: 1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ گۈل – گىياھلارنىڭ يوپۇرماقلىرىغا پۈركىسە ياكى يۇمشاق لاتىنى پىۋىگە تەگكۈزۈپ گۈل – گىياھلارنىڭ يوپۇرماقلىرىنى سۈرتۈپ بەرسە، گۈل – گىياھلارنى يىلتىز سىرتىدىن ئوغۇتلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يوپۇرماقلار ياپيېشىل، پارقىراق ۋە جانلىق بولىدۇ.

  4. گۈل تىزىش. گۈل قاچىسىغا قاچىنىڭ ئوندىن بىرىغا كەلگىدەك پىۋا قۇيۇپ يېڭى گۈللەرنى چىلاپ قويسا، گۈل تېخىمۇ كۆركەم بولىدۇ ھەم ئۇزاققىچە سولىشىپ قالمايدۇ.

  نۇسرەتگۈل ئۆمەر(ت)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر