باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

چىش چوتكىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ

2016.07.27 15:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئامېرىكىلىق ئىككى نەپەر چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرى 4 ھەپتە ئىشلىتىلگەن چىش چوتكىسىنىڭ باكتېرىيە پەيدا قىلىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، چىش چوتكىسىدا كاندىدا ئالبكانىس زەمبۇرۇغى، گېمولىتىك زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل باكتېرىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بۇ باكتېرىيەلەر قان تومۇر، لىمفا ئارقىلىق ئورگانىزمدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا سىڭىپ كىرىپ، ئاسانلا جاۋغاي ياللۇغى، جىددىي خاراكتىرلىك بادام بېزى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، رېماتىزم قىزىتمىسى، جىددىي خاراكتىرلىك بۆرەك شارچىلىرى مەنبەلىك بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىگە يوشۇرۇن خەۋىپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا چىش چوتكىسىنىڭ تازىلىقىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك دەپ ئەسكەرتكەن.

  چىشنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، چىش چوتكىسىنىڭ باكتېرىيە ئېلىپ يۈرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن چىش چوتكىلىغاندا سۇنى كۆپرەك تەييارلاپ، چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن چوتكىنى پاكىز يۇيۇپ، باش تەرپىنى يۇقۇرىغا قارىتىپ چاشكىغا سالغاندىن كېيىن، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىغان جايغا قويۇپ قويۇش كېرەك. چىش چوتكىلايدىغان سۇ پاكىز بولۇشى، تەييارلانغان سۇ ئىسىقراق بولۇشى كېرەك . ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان بەزى باكتېرىيەلەر ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئىككى چوتكا تەييارلاپ، ھەپتىدە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە چىش چوتكىسىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، چىش چوتكىسىنى 0.1- 0.5 پىرسەنتلىك پېروكىس B كىسلاتاسىغا 10-15 مىنۇتقىچە چىلاپ قويۇپ، پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئىشلەتسە مىكروپلارنى يوقاتقىلى ياكى چىش چوتكىسىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ــــ ماتېرىيالدىن


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر