باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

سۇ تولۇقلايدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار

2016.07.27 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تومۇز ئىسسىقتا بەدەنگە سۇ تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم. سۇ تولۇقلايدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار:

  تەرخەمەك. تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە %95.8 سۇ بولىدۇ. يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، تەرخەمەك قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، زەھەرنى قايتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە يەنە مۇئەييەن مىقداردا ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، قان شېكىرى ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ. تەرخەمەك تال ۋە ئاشقازاننى سوۋۇتىدىغان بولغاچقا، ئاياللار ھەيز كېلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە تەرخەمەكنى ئاز يېيىشى كېرەك.

  سۈتلۈك كۆك چېچەك (菜生). سۈتلۈك كۆك چېچەكنىڭ تەركىبىدە %95.7 سۇ، لېتتۇكې ئېلېمېنتى بار بولۇپ، قىزىتمىنى ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۇيقا كەلتۈرۈش رولى بار. سۈتلۈك كۆك چېچەكنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولغاچقا، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتەينى ئاچىدۇ.

  شوخلا. شوخلىنىڭ تەركىبىدە %94.4 سۇ بولىدۇ. شوخلا تەركىبىدىكى لىكوپېننىڭ ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار. شوخلا يەنە كاروتىن، يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن C ۋە كالىينىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شوخلىنى پىشۇرۇپ يېگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  تاۋۇز. تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە %93.3 سۇ بولىدۇ. تاۋۇزنىڭ تەمى تاتلىق، سۇ تەركىبى تولۇق بولۇپ، ياز پەسلىدىكى مېۋىلەرنىڭ شاھى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا سىترۇللىن كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تەبىئىي ماددا بولۇپ، ئارتېرىيە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتەك قوشۇمچە رولى بار. تاۋۇز تەركىبىدە شېكەر ماددىسى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ يېگەندە سەمرىتىۋېتىشى مۇمكىن.

  سۇلۇق تۇرۇپ. سۇلۇق تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە %92.9 سۇ بولىدۇ. سۇلۇق تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاق تۇرۇپنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە مول يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىدىن باشقا، مەستلىكنى يېشىش ئالاھىدىلىكى بار.

  قوغۇن. قوغۇن تەركىبىدە %92.9 سۇ بولۇپ، ئۇنىڭ تەمى تاتلىق، پۇرىقى مەززىلىك، ياز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تاۋۇزغا سېلىشتۇرغاندا، قوغۇن تەركىبىدە سۇ مىقدارى ۋە ئاقسىل مىقدارى ئاز بولسىمۇ، كۆپ خىل مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىن C قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى تاۋۇزدىن يۇقىرى. يازدا قوغۇن يېسە ئىسسىقلىقنى پەسەيتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، جىگەر ۋە ئۈچەي يوللىرىغا پايدىلىق. قوغۇننىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، زىيادە كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ.

  كۇلى بىھىسى (瓜木). كۇلى بىھىسىنىڭ تەركىبىدە %92.2 سۇ بولىدۇ. تەمى تاتلىق، كۇلى بىھىسىمۇ يازدىكى ئەڭ ياخشى سۇ تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۇلى بىھىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. كۇلى بىھىسى يەنە بىھى ئاقسىلى سېلۇنىمنى ئاجرىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. كۇلى بىھىسى تەركىبىدە كاروتىن، ۋىتامىن C ۋە سېلۇنىمدىن باشقا، شېكەر ماددىسى كۆپ بولغاچقا، ھەر كۈنى يەيدىغان كۇلى بىھىسى مىقدارى 200 گىرامدىن 300 گىرامغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

  مىرىكا مېۋىسى(梅杨).

  مىرىكا مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %92 سۇ بولىدۇ. تەمى چۈچىمەل، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B2، كاروتىن، سىئانىدىن، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلاش، ياندۇرۇش ۋە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار. شۇڭا، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. مېرىكا مېۋىسى ئاچچىق – چۈچۈك بولغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپ، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى ئاغرىقلىرى ئاز يېيىشى كېرەك.

  مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر