باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ...

2016.07.22 13:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنىڭ باھاسى چوغلانما لامپىلاردىن يۇقىرى، ئەمما ئۆمرى چوغلانما لامپىلارنىڭ سەككىز ھەسسىسى ئەتراپىدا بولۇپ، توك پۇلىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى تېجەپ قالىدۇ.

  ئادەتتە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنىڭ ياندۇرۇلغان پەيتتىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولىدۇ ھەم ھەر قېتىم ياندۇرغاندا چىراغ نەيچىسىنىڭ ئۆمرىمۇ تەخمىنەن ئۈچ سائەت ئەتراپىدا قىسقىرايدۇ، شۇڭا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنىڭ ياندۇرۇلۇش ۋە ئۆچۈرۈلۈش قېتىم سانىنى ئامال بار ئازايتقاندا ئېنېرگىيە تېجىگىلى ھەم چىراغنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېنىش ۋاقتى قانچە ئۇزارسا ئېنېرگىيە تېجىشىمۇ شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭا، كەچلىرى سىرتقا چىققان ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە، ياخشىسى چىراغنى ئۆچۈرمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇنىڭدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە چىراغنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقىرىشى بىر قېتىم ئۆچۈرۈپ – ياندۇرغاندىن ئاز بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر