- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جىم ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ
2016.07.22 13:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى ۋە قىزىقىشى›› ژۇرنىلىدا، تاماق يېگەندە چىقارغان ئاۋازنىڭ يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
بۇ يېڭى تەتقىقاتنى ئامېرىكا برىگخام ياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور رۇئان ئېلدرېدگې ۋە كولورادو ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بازار ماركېتىڭى ئىلمىنىڭ دوتسېنتى دوكتور گىنا مورې ھەمكارلىشىپ تاماملىغان. تەتقىقاتچىلار يېمەكلىكلەرنىڭ ئاۋازىدىكى ئالاھىدىلىكنىڭ رولى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، يېمەكلىكنى چايناش ئاۋازى قانچە كۈچلۈك بولسا، يېگەن يېمەكلىكنىڭ شۇنچە ئاز بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. تەتقىقاتچىلار يەنە سىناققا قاتناشقانلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىر گۇرۇپپىغا قۇلىقىغا نائۇشنىك تاقاپ ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلىماي تاماق يېگۈزگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىغا نائۇشنىك تاقاپ ناخشا – مۇزىكا ئاڭلىغاچ تاماق يېگۈزگەن. نەتىجىدە، مۇزىكا ئاڭلاپ تاماق يېگەنلەرنىڭ يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
تەتقىقاتچىلار يەنە يېمەكلىك يېگەندە چىقارغان ئاۋاز يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، يېمەكلىك يېگەندە يېمەكلىكنىڭ ئاۋازىغا دىققەت قىلسا يېمەكلىكنى ئاز يېيىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەگەر يېمەكلىك يېگەندە تېلېۋىزور ياكى مۇزىكىنىڭ ئاۋازى يۇقىرىلاپ، يېمەكلىك يېگەندە چىققان ئاۋازنى توسۇۋالسا، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىمۇ ئاشىدىكەن.
مۇھەممەد تۇراپ (ت)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر