باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

دائىم ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بېرىشنىڭ پايدىسى

2016.07.05 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بەدەندىكى ماينىڭ ئېنېرگىيەگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزىمدىكى ئاقسىل ۋە قەنتلەرنىڭ ئالمىشىشىنى نورماللاشتۇرىدۇ. شۇڭا، دائىم نورمال مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقان ھەم ئاشقازان كىسلاتاسى يېتىشمىگەن بىمارلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دائىم نورمال مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيەلەرنى تورمۇزلاپ ۋە ئۆلتۈرۈپ، ئۈچەي ياللۇغى ۋە تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ.

  ئاچچىقسۇ يەنە يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كالتىسىي، فوسفور ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئادەم ئورگانىزىمى جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىلارنى ئېرىتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىنىشى ۋە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. نورمال مىقتاردا ئىستېمال قىلىنغان ئاچچىقسۇ يېمەكلىك تەركىبىدىكى مايلارنىڭ قانغا ئۆتۈۋېلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ۋىتامىن c نىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق. (بىڭتۈەن 64-تۈەن-مەيدانىدىن بېكمۇرات تەييارلىغان)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر