- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كوممىقوناقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا كۆزنى ساغلاملاشتۇرىدۇ
2016.06.17 15:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، لۇتېئىن ۋە كوممىقوناق سېرىق ماددىسىنى كۆپرەك قوبۇل قىلسا، ياشانغانلار كۆزىگە سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى %43 تۆۋەنلەيدىكەن. كوممىقوناق تەركىبىدە لۇتىئېن ۋە كوممىقوناق سېرىق ماددىسى ناھايتى مول بولغاچقا، كوممىقوناقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، كۆز توقۇلمىلىرىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، كۆزنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كوممىقوناق تەركىبىدىكى لۇتېئىن، كوممىقوناق سېرىق ماددىسى، كاراتونلار ياغدا ئېرىيدىغان بولغاچقا، كوممىقوناقنى ياغدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، بۇ خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كۆزنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر