- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قېنىپ ئۇخلاش ئۇزاق ئۇخلاشتىن مۇھىم
2016.06.13 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
قېنىپ ئۇخلاش ئۇزاق ئۇخلاشتىن مۇھىم. ئامېرىكا چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ياشانغانلاردىكى ئۇيقۇسىزلىق كۆپىنچە ھاللاردا ئارام ئېلىش سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى بىلەن باشقا ساغلاملىق سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن ئەمەسلىكىنى بايقىغان.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلايدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە: %50كە يېقىن ياشانغان كىشىدە ئۇيقۇسىراش كېسەللىك ئالامىتى بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن يۈرەك كېسىلى، يىقىلىش، تونۇش ئىقتىدارى ۋە پائالىيەت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئارىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 727 ياشانغان كىشىنىڭ ئۇيقۇ ئەندىزىسى، ئۇخلاش جەريانىدىكى ھەرىكىتى ۋە كەچۈرمىشى بىلەن تەسىراتىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە، كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا بالدۇر ئويغىنىپ كەتتۇق ياكى يېتەرلىك ئارام ئالالمىدۇق دەپ ئاغرىنغان. تەتقىقاتچىلار ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى سۇبيېكتىپلىق ئاغرىنىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، بۇنى بەلكىم تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى باشقىچە ساغلاملىق مەسىلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ياشانغانلار بەدىنىدە كۆرۈلگەن نورمالسىزلىقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىغان.
پولات ئامانيار (ت)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر