باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

قەھۋەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

2016.05.30 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەر قەھۋەنى دەملەپ ئىچىپ ئېشىپ قالغان قەھۋە قالدۇقىنى تاشلىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە قەھۋە قالدۇقىنىڭ پايدىلىق رولى بار:

  1.قەھۋە قالدۇقى پۇراقنى يوقىتىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى توڭلاتقۇغا، ئاياغ ئىشكابىغا قويۇپ قويسا غەيرىي پۇراقنى تۈگىتىدۇ.

  2. قەھۋە قالدۇقى تەبىئىي ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ گۈل باقسا، گۈلنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، توپىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويسا، قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما قەھۋە قالدۇقىنى گۈلنىڭ يېلتىز قىسىمىغا كۆممەسلىك كېرەك.

  3. قەھۋە قالدۇقىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن، يىپەك رەختكە يۆگەپ، پول سۈرتسە پولنى تېخىمۇ پارقىراق قىلىدۇ.

  4. ئەمدىلا قايناتقان قەھۋە قالدۇقىدا مول مىقداردا قەھۋە مېيى بولۇپ، رەختنى قەھۋەنىڭ قالدۇقىغا چىلاپ، مىستىن ياسالغان بۇيۇمنى سۈرتسە مىس بۇيۇملارنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

  5. نەم ھالەتتىكى قەھۋە قالدۇقىنى قازاندا قورۇۋەتسە، قازاندىكى غەيرىي پۇراق تۈگەيدۇ.

  6. قەھۋە قالدۇقى بىلەن تېرىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، تېرىنىڭ چىڭ ھەم پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يوتا، قورساق، بىلەكنى قەھۋە قالدۇقى بىلەن ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، تېرىنى چېڭىتىپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  توختى قۇربان تەييارلىغان


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر