باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

قازاندىكى ياغقا ئوت كەتكەندە...

2016.05.27 11:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاندىكى ياغقا ئوت كەتكەندە، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالدا ئىككىلەنمەي، ئىلمىي ھەم توغرا بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم.

  1. ئەگەر قازاندىكى ياغنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، تېزلىكتە قازان تۇۋىقىنى يېپىۋېلىپ، ئوتنى ھاۋادىن ئايرىۋېتىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن كۆيۈۋاتقان ياغمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ قالىدۇ. ئەگەر، قازان تۇۋىقى بولمىسا ھۆل لاتىنى ئوتنىڭ ئۈستىگە ياپساقمۇ بولىدۇ ياكى قازاندىكى ياغقا بىر ئاز تۇز سېپىۋەتسەكمۇ، ئوخشاشلا ھاۋادىن ئايرىش رولىنى ئويناپ، ئوت ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  2. ئەگەر، قازاندىكى ياغنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولسا، ئاۋۋال تېزلىكتە تۇۋاقنى يېپىۋېلىپ، ھۆل لاتا بىلەن گاز چىقىۋاتقان ئورۇنلارنى ھىم ئېتىش كېرەك. قازان تۇۋىقى بولمىسا، ياغنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاچقا، ھۆل لاتا بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قازانغا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتتىن ئازراق سالغاندا، كۆكتات ياغقا قارىغاندا يەڭگىل بولغاچقا، ياغنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ، ياغنى ھاۋادىن ئايرىۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەپ، ئۆتنى ئۆچۈرۈۋېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر