- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىملار نەزىرىدىكى بالىلار تەربىيەسى
2016.05.27 11:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاتا – ئانىلار بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ۋە كۆز قاراشلارغا ئەستايىدىل قاراپ، ئەتراپلىق جاۋاب بېرىش كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىلا، بالىلارنىڭ ھۇجرىسى ياكى شىرە ئۈستى قالايمىقان بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكى، بالىلارنىڭ ئويۇن ئوينىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئۆزلىرى قىلالىغۇدەك ئىشلارنى ئۆزلىرىگە قىلدۇرۇشى، بالىلارنىڭ شەخسىي پىلانىنى تۈزۈشكە ۋە پىلاننى ئورۇندىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن نورمال بېرىش – كېلىش قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارغا مۇۋاپىق ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ھەم كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كىتاب – ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇشى، بالىلارغا چوڭلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارغا قەرەللىك ھالدا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ھېكايە ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، بالىلارنىڭ خۇسۇسىي تەلىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىللە بولۇشى، بالىلارنى ھاقارەتلىمەسلىكى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ شېئىر يادلىيالايدىغان، ھېكايە ۋە ناخشا ئېيتالايدىغانلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماختىشى، بالىلارنى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇستەقىل پىكىر قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىشى، بالىلارنىڭ ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشىغا يول قويۇشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنى مەسىلىلەرنى بايقاشقا ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك.
ئاتا – ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا تامامەن مۇزاكىرىلەشكىلى بولمايدىغان مەسىلە بولماسلىقى، بالىلارغا قارار چىقىرىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك.
ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ خاس خاراكتېرى بولۇشىغا ياردەم بېرىشى، بالىلار بىرەر ئىشتا مەغلۇپ بولغاندا تەنقىدلەش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىقى كېرەك.
ئادىل غوجالىم رەتلىگەن
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر