باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسن تۈزەش

2016.05.27 11:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. بىر قۇشۇق ھەسەلگە 2–3 ھەسسە سۇ قۇيۇپ ئېرىتىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىگە سۈرتۈپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ بەرسە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمران قىلىپ، يۈزدىكى قۇرۇقنى ئازايتىدۇ.

  2. ھەپتىدە ئىككى قېتىم 50 گرام ھەسەلگە بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارلاشتۇرۇپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، يۈزگە سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ، قۇرۇق يوقىتىپ، يۈنى پارقىراق قىلىدۇ.

  3. ھەسەل بىلەن گېلىتسىرىن ئۇنىنى ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ، ئۈچ ھەسسە سۇ ئارلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ يۈزگە سۈرتۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، تېرىنى يۇمران، سىلىق قىلىدۇ. قورۇق، سېرىق داغنى يوقىتىدۇ. چىقان ۋە دانىخورەكنى داۋالايدۇ.

  4. بىر ئايغىچە ھەسەلدىن بىر قوشۇق، سۈت تالقىنىدىن ئىككى قوشۇق، بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈرتۈپ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، قۇرغاق تېرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

  5. ھەسەلدىن بىر قۇشۇق، ئۈزۈم شەربىتىدىن بىر قۇشۇق ئېلىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا ئۇن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە يۈزنى سىلىق يۇمران قىلىدۇ.

  6. ھەسەلدىن 50 گرام ئاق ھاراقتىن 15 مىلىگرام، ئۇندىن 50 گرام ئېلىپ، ئۈچىنى ئارلاشتۇرۇپ، يۈر ۋە بويۇن قىسمىغا سۈرتۈپ 15 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە، يۈزنى نەمخۇش قىلىپ، تېرە يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تېرىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر