باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ

2016.05.27 11:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار ئەتىدىن كەچكىچە بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ ھەتتا بەزىدە قول تەگكۈزۈش ئارقىلىقمۇ گېپىنى ئاڭلاتماقچى بولۇشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دېگىنىگە مۇتلەق كۆندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىدىن ئاغرىنماي، ئۆزلىرىدىمۇ ئاز – تولا مەسئۇلىيەتنىڭ بار – يوقلۇقىغا قاراپ بېقىشى كېرەك. بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆڭلى بولىدۇ، بالىلارچە خىيالى، قىزىقىشى، بالىلارچە ئارزۇلىرى بولىدۇ، بۇلار ئاتا – ئانىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسا، سەل قارالسا ‹‹ ياغاچ قۇلاق›› بولۇشقا يۈزلىنىدۇ.

  1. كوتۇلداش

  بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىغا چېپىلىۋېلىپ، توختىماي كوتۇلدىشىدىن بىزار. ئاتا – ئانىلار ئادەتتە بالىلىرىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان ھەم ئۇلارغا ‹‹ياخشى بولسۇن›› دەپ ئەڭ ئاددىي ئىشنىمۇ نەچچە قېتىم جېكىلەيدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارغا ئەكس تەسىر بېرىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلار نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ كوتۇلدىشىدىن بىزار بولىدۇ؟ بالىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئەيىبلەش ياكى ئاغرىنىش بولماستىن، سەمىمىي ئەسكەرتىش، يول باشلاش ۋە چۈشىنىشتۇر. شۇڭا، ئۇلارنى يەنىلا يېتەكلەش، خاتالىق ئۆتكۈزسە بەك چالۋاقاپ كەتمەي كەچۈرۈۋېتىش، توغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك.

  2.مىجەزى چۇس بولۇش، تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىش

  بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن: ‹‹مەن نېمە ئۈچۈن دادامنىڭ مىجەزىنىڭ بۇنداق ئوسال بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇ زادى كۆزۈمگە سىغمايدۇ. تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ، مېنىڭ چۈشەندۈرۈشىمگە يول قويمايدۇ››. شۇنداق، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوسال مىجەزىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھەدىسىلا ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشىغا دەستەك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا، بالىلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك.

  3. باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش

  ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلىرىنىڭ داڭلىق كىشىلەردىن بولۇپ، ئۆزىگە ۋە جەمەتىگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. بالىسىنىڭ باشقىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئازراقمۇ تۆۋەن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. بۇ خىل مۇئامىلە بالىلارغا بېسىم، چارچاش ئېلىپ كېلىدۇ.

  4. دائىم بۇيرۇقۋازلىق قىلىش، ھەددىدىن زىيادە ئەركىنلىكىنى چەكلەش

  بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن: ‹‹ئاپام ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى سۈت ئىچىشكە مەجبۇرلايدۇ، ئەمما مېنىڭ سۈت ئىچكۈم يوق، سۈت ئىچسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىدۇ، ئاپامغا نۇرغۇن قېتىم دېگەن بولساممۇ، گېپىمنى ئاڭلىماستىن، مېنى يەنىلا سۈت ئىچىشكە قىستايدۇ. يەنە مېنى باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزۈم خالىغان پائالىيەتلەرنى قىلىشىمغا قوشۇلمايدۇ، ئۆگىنىشىڭگە تەسىر يېتىدۇ دەيدۇ.

  5. ئۆگىنىشتىن باشقىسىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك

  بىر ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ‹‹مەن بىر قېتىم دادامغا پۇتبول توغرىلىق گەپ قىلغىنىمدا، ئۇ بۇ توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ماڭا تەربىيە ئىشلەشكە باشلىدى. ئادەتتە، ئۆيدە مەن توغرىلىق بىرەر گەپ بولسىلا، ئۇ دەرھال گەپ تېمىسىنى مېنىڭ ئۆگىنىشىم ۋە ئىمتىھان نەتىجىلىرىمگە تاقاپلا تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ دائىملا مېنى سەن بەك ئويۇن قېپى بولۇپ كەتتىڭ، بۇرۇنقى تىرىشىدىغان چاغلىرىڭ ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ. ھە دېسىلا پۇتبول، تەنتەربىيەنىڭلا گېپىنى قىلىسەن، ئەگەر سەن ھازىر ياخشى ئوقۇماي، كېيىنچە ياخشى خىزمەت تاپالمىساڭ، ئۇ چاغدا سەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش بېلىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيسەن دەپ ئاچچىقلاپ كەتكەنىدى. مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغۇم ۋە شۇ ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇم بار ئىدى. ئەمما ئۇ ھەدىسىلا ئۆگىنىش، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭلا گېپىنى قىلىپ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلىشىمغا پۇرسەت بەرمەيدۇ››.

  بۇنداق ئاتا – ئانىلار پەقەت بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلىرىغا، بىپەرۋالىق بىلەن قارايدۇ. ئەگەر بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى تاسادىپىي چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى يامان تەرەپتىنلا ئويلاپ، ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ، مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلمايدۇ.

  ئاتا – ئانىلار ئۇلۇغ، ئۇلارنىڭ زىممىسىگە پەرزەنت تەربىيەلەشتىن ئىبارەت غايەت زور بۇرچ يۈكلەنگەن. ئۇلار بۇ بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل قوللىنىشى، ئۆزىنىڭمۇ بالىلىق دەۋرى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ سەبىي ھەم گۆدەك قەلبىگە ئازار بەرمەي، ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ‹‹ ياغاچ قۇلاق›› بالىلار ئازلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر