باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئاشخانىدىكى بەش پەرھىز

2016.05.26 14:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. تۆمۈر قازاندا ماش قايناتماڭ

  ماشنىڭ تەركىبىدە تاننىن ئېلېمېنتى بار بولۇپ، تاننىن ئېلېمېنتى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۆمۈر بىلەن رېئاكسىيەلىشىدۇ، ئۇ قارا رەڭلىك تاننىن تۆمۈر ھاسىل قىلغاچقا، ماش شورپىسى قارىداپ غەيرىي پۇراق چىقىرىدۇ، بۇ تاماقنىڭ تەمى ۋە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.

  2. داتلاشماس پولات قازان ياكى تۆمۈر قازاندا جۇڭيى دورىسى قايناتماڭ

  جۇڭيى دورىسىدا كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك ئىشقار (ئالكالوئىد) ۋە ھەر خىل بىيو خىمىيەلىك ماددىلار بار بولۇپ، قىزىتىلغان شارائىتتا بۇ ماددىلار داتلاشماس پولات ياكى تۆمۈر بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا بەلگىلىك دەرىجىدە زەھەر پەيدا قىلىدۇ.

  3. ساپىئوم ياغىچى ياكى غەيرىي پۇراقلىق ياغاچ ماتېرىياللاردىن ياسالغان كۆكتات تاختىسىنى ئىشلەتمەڭ

  ساپىئوم ياغىچىدا غەيرىي پۇراق ۋە زەھەرلىك ماددىلار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ياسالغان كۆكتات تاختىسىنى ئىشلەتكەندە قورۇمىلار بۇلغىنىدۇ ھەم ياندۇرۇش، باش قېيىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

  4. سىرلانغان ياكى نەقىش ئويۇلغان بامبۇك چوكىنى ئىشلەتمەڭ

  چوكىدىكى سىردا قوغۇشۇن ۋە بېنزول قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار بار بولۇپ سالامەتلىككە زىيانلىق. نەقىش ئويۇلغان بامبۇك چوكىلار قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ نەقىش ئارىسىغا ئاسانلا كىر يىغىلىۋېلىپ، تازىلىماق قولايسىز بولىدۇ.

  5. گۈللۈك فارفور قاچىلارغا دورا – دەرمان سالماڭ

  گۈللۈك فارفور قاچىلاردىكى قوغۇشۇن ۋە بېنزول قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار كېسەللىك ۋە راك پەيدا قىلىدۇ. گۈللۈك فارفور قاچىلارنىڭ كونىرىشىغا ئەگىشىپ گۈل رەڭلىرىدىكى رادون يېمەكلىكلەرنى بۇلغاپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، دورا – دەرمانلارنى ئەڭ ياخشىسى ئەينەك قاچىلارغا سېلىش كېرەك.

  نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر