باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تۇرمۇش

قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2014.05.15 15:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن كۆزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، كۆز يوغان، نۇرلۇق كۆرۈنگەچكە بىر قىسىم خانىم–قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە قىزىقتۇرماقتا. بىراق، ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزى قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا لايىق كەلمەيدۇ. ئوپېراتسىيىنىڭ ئۈنۈمى ھەربىر ئادەمنىڭ كۆز ۋە يۈز قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي شەرتكە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال ئاستىدا قوش قاپاق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا بولىدۇ.

  1. يۇقىرىقى قاپىقى ناھايىتى قېلىن كەلگەن قىز–ئاياللار ياكى غورا قاپاقلار؛

  2. كىرپىكى قىسقا، شالاڭ ۋە كىرپىكى ئىچى تەرەپكە ئۆسكەنلەر؛

  3. كۆز چانىقى كىچىكلەر؛

  4. ئۈستى قاپىقى كەڭرى ياكى بوشاپ كەتكەنلەر؛

  5. يالاڭ قاپاقلار. يالاڭ قاپاق كىشىلەرنىڭ كۆز چانىقى كىچىك بولغانلىقتىن، ساڭگىلاپ قالغان قاپاق كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى توسۇۋېلىپ كىرپىك كۆرۈنمەيدۇ. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ساڭگىلىغان ئارتۇق تېرىلەر چىقىرىۋېتىلگەنلىكتىن، كىرپىكلەر كۆرۈنۈپ، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

  6. گازىر كۆز، كۆزى ئۇزۇن ئادەملەر.

  قانداق ئادەملەرگە قوش قاپاق قىلدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟

  1. يۈز قۇرۇلۇشى قىسقا، كەڭ ياكى يۈزىنىڭ ئۈستى تار، ئاستى كەڭ، كۆزى چوڭ، يۇمىلاق كەلگەنلەر؛

  2. ئېڭىكى تار ياكى ئېڭىكى تۆۋەنلەر؛

  3. كۆزى كىچىك، كۆز چانىقى تارلار؛

  4. كۆزى ئالىغاي ياكى يۇقىرىقى قاپىقى ھەددىدىن زىيادە ساڭگىلاپ كەتكەنلەر؛

  5. ئاسان تارتۇق قالىدىغانلار، قان سىستېمىسى كېسەللىكى، قان سىيىش كېسىلى، يۈرەك كېسىلى بارلار؛

  6. 18 ياشتىن تۆۋەن، 48 ياشتىن يۇقىرىلار؛

  7. زۇكام بولۇپ قىزىۋاتقان، يۆتىلىۋاتقان، ھەيز كېلىۋاتقانلار.

  ئوپېراتىسيە قىلدۇرۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، كۆز دورىلىرىنى كۈندە ئۈچ قېتىم كۆزگە تېمىتىپ تۇرۇش كېرەك.

  ئوپېراتسىيىدىن كېيىن كۆزنى كۆپ ئاچماي دەم ئالدۇرۇش، يەللىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن كۆزنىڭ ئىششىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىششىق تەدرىجىي يېنىپ كېتىدۇ، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە رەسمىي ساقىيىپ بولىدۇ.

  قوش قاپاق ئوپېراتسىيىسى يۇقىرى پەن–تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسى بولۇپ، ئوپېراتسىيە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى–تۆۋەنلىكى گۈزەللىك ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ياخشى ئىشتىن يامان ئاقىۋەت چىقىپ، ئۇخلىسا ئىككى كۆزى يۇمۇلمايدىغان، ئىككى كۆزى بىر–بىرىگە ئوخشىمايدىغان، كۆزنىڭ قېتى ھەددىدىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ كېتىدىغان، ھەتتا ئالىغاي بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر