باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تۇرمۇش

بەدەن شەكلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كىيىم ئارقىلىق يېپىش

2014.05.15 15:34         مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىيىم-كېچەك كىيىشتىكى مەقسەت بەدەننىڭ ھارارىتىنى ساقلاش، بەدەننى يېپىپ بەدەن شەكلىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىسمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بەدەندىكى بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئۆز بەدەن شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن يېتەرسىزلىكلىرىنى چۈشىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بەدەن شەكلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇۋاپىق كىيىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېپىپ كەتكىلى بولىدۇ. بېلى بەك ئىنچىكە ئاياللار ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم كىيىشى كېرەك. يەڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە قول بوغۇمىنى ياپسا مۇۋاپىق بولىدۇ. قاتلاق يەڭلەرمۇ بېلى ئىنچىكىلەرگە ماس كېلىدۇ، ئەمما قاتلىقى بەك زىچ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر يەڭسىز كىيىم-كېچەك كىيىشكە توغرا كەلسە، كىيىمنىڭ يېڭى ئەڭ ياخشىسى مۈرىنى يېپىپ تۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئىنچىكە بىلەيزۈك تاقاش كېرەك. ئاسما ياكى قىيپاش مۈرىلىك كىيىم-كېچەك كىيىشتىن ۋە توم بىلەيزۈك تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىلەك قىسمى بەك توم ئاياللار بەدىنىگە بىر ئاز ھىم كېلىدىغان كىيىم كىيىشى، يەڭنىڭ ئۇچى كەڭرەك بولۇشى، گۈللۈك توقۇلما ياكى يىپەك رەختلىك ئۇزۇن مۈرە ياپقۇچ بىلەن مۈرە ۋە بىلەك قىسمىنى يېپىۋېلىشى، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ شەكلى كۆركەم چوڭ بىلەيزۈك تاقىۋېلىشى كېرەك. بىلىكى بەك قىسقا ئاياللار كىيىمنىڭ يېڭىنى ئادەتتىكىدىن بىرەر سانتىمېتىر ئۇزۇنراق تىكتۈرۈشى كېرەك. ئۇندىن باشقا يەنە بەك قىسقا ۋە ئۇششاق قاتلاق يەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەم خالىغان بىلەيزۈكلەرنى سېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بىلىكى ئۇزۇن ئاياللار يېڭى قىسقا ياكى جەينىكىنى يېپىپ تۇرىدىغان يەڭلىك كىيىملەرنى تاللىشى، يەڭ كەڭ-كۇشادە، ئۇچى مانجىتلىق بولۇشى كېرەك. بۇنداقلار يەڭسىز كىيىم كىيىشتىن، يەڭنىڭ بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا تىرناققا قېنىق رەڭلىك لاك سۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. غولى بەك كەڭ ئاياللار ئالدىدا ۋېتىشكىسى بار، ئەمما دۈمبە تەرىپىدە ھېچقانداق پاسونى يوق تۈز سىزىقلىق كىيىم كىيىشى، كىيىمنىڭ تاسمىسى كەڭرەك بولۇشى، چاچنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۈرىگە چۈشۈپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداقلار توغرا سىزىقلىق ئۈستۈنكى كىيىم، بەدەنگە ھىم كېلىدىغان مايكا ياكى پوپايكا كىيىشتىن ساقلىنىشى، سىرتقى كىيىمنىڭ مۈرىسىگە مۈرىلىك قويماسلىقى، ھەرخىل ئۇلانما، كېپىنەكسىمان كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. غولى تار ئاياللار كەڭ-كۇشادە، ئالدىغا بىر نەچچە قاتار كەڭ گىرۋەك تۇتۇلغان ئۈستۈنكى كىيىم، توغرا سىزىقلىق، كەشتىلەنگەن ۋە گۈللۈك كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، كىيىملەرنىڭ مۈرە بىلەن يەڭ ئۇلىشىدىغان قىسمى بىر ئاز كەڭ-كۇشادە بولۇشى كېرەك. بۇنداقلار توق رەڭلىك، يەڭسىز ياكى قىيپاش مۈرىلىك، ئالدىغا ۋىتىشكا ئېلىنغان ئۈستۈنكى كىيىملەرنى كىيىشتىن ۋە بېلىگە كەڭ بەلۋاغ تاقىۋېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كۆكرەك قىسمى بەك چوڭ ئاياللار كىيىملەرنىڭ كۆكرەك قىسمىغا ئامال بار گۈل كەلتۈرمەسلىكى، ياقا تۇخۇم شەكىللىك، V شەكىللىك ياكى چاسا شەكىللىك بولۇشى كېرەك. كۆكرەك قىسمىغا جىيەك تۇتماسلىقى، قاتلاق ياكى يانچۇق قويۇشتىن ساقلىنىشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسان تارتىدىغان پارقىراق مارجانلارنى تاقىماسلىقى، بەدەنگە ھىم كېلىدىغان، بېلى ئېگىز ئېلىنغان ياكى قوش قاتار تۈگمىلىك كىيىملەرنى كىيمەسلىكى، كىيىملەرنىڭ رەڭگى بەك ئوچۇق بولماسلىقى كېرەك. كۆكرەك قىسمى بەك كىچىك ئاياللار تۈز سىزىقلىق ياكى سۇس بۆلۈش چېكى يوق، ئالدى ئېتىك پوپايكا ھەم بەدەنگە ھىم كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. كاسسىسى ياپىلاق كەلگەن ئاياللار كاسسا قىسمىنى تولۇق ياپىدىغان سىرتقى كىيىملەرنى كىيىشى، كىيىمنىڭ بەل ئايلانمىسى ھىم كېلىشى، يوپكا ياكى شىمنىڭ ئىككى يېنىغا يانچۇق ياكى گۈللۈك جىيەك قويۇشى كېرەك. بۇنداق ئاياللار ھىم كېلىدىغان شىم ياكى تار يوپكا كىيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كاسا قىسمى سېمىز ئاياللار كاسا قىسمىنى ياپىدىغان ئۈستۈنكى كىيىملەرنى كىيىشى، ئۈستۈنكى قىسمىغا گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىپ، سۇس رەڭلىك يوپكا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.‹‹ئاياللار ۋە تۇرمۇش››تىن ئېلىند

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر