باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تۇرمۇش

پەرزەنتىڭىزگە ۋاكسىنا ئەملىتىشكە سەل قارىماڭ!

2014.03.17 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەرىپە ئەھەد خەۋەر قىلىدۇ: ئەتىياز پەسلى نەپەس يولى كېسەللىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل. بۇنىڭغا قارىتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش مەركىزى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشىنى، مەكتەپلەرنىڭ كېسەلنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپلەر نەپەس يولى كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي. تارقىلىشچان نەپەس يولى كېسەللىرى ئاساسلىقى تارقىلىشچان زۇكام، گۈرەن بەز ياللۇغى، چېچەك، قىزىل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەتىياز پەسلى باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا، مۇشۇ خىل كېسەللەر كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، مەكتەپلەردە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان نەپەس يولى كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بىز تارقىلىشچان كېسەللەر ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ھەم ئۆلچەم بويىچە ئەملىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا چېچەك ۋە گۈرەن بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشكە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تارقىلىشچان نەپەس يولى كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە تەكشۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلىشى؛ ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا ئايرىۋېتىشى؛ مەكتەپلەر مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى؛ ئوقۇغۇچىلار ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر