- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەينەككە ئۇزاق قاراش چۈشكۈنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
2014.02.10 15:31
ئەينەككە قاراپ تەقى-تۇرقىنىڭ جايىدا ياكى جايىدا ئەمەسلىكىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن ‹‹ ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەينەككا قارىغان ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئادەمنى بىئارام قىلىدىكەن ھەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
ئەينەككە قارىغان ۋاقىت 25 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمىسە، ئادەم ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئۆزىدىكى نۇقسانلارنى بايقايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش، بىئارام بولۇش، قايغۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. نەتىجىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر