باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تۇرمۇش

بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق قىلىشنىڭ ئون ئەپچىل چارىسى (1)

2012.12.05 14:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا سەرىپ قىلىشقا رازىكى، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى يىغىنچاقلاپ ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى كەمچىل، گەپ ئاڭلىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، بالىلاردا ياخشى بولغان كىتاب كۆرۈش ئادىتىنىڭ بولۇش بولماسلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ئىگەللەپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش بارماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئۇسۇللار بالىلارنىڭ ياخشى بولغان كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؟

  كىتابنى قىممەتلىك سوۋغات ئورنىدا بالىلارغا سوۋغا قىلىش. دائىم بالىلارنى كىتابخانا ياكى كۇتۇپخانىلارغا ئاپىرىش. بالىلارغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىتابلارنى تاللىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەملىشىش، ئۇلارغا كىتابنىڭ ناھايىتى ياخشى سوۋغات ئىكەنلىكىنى ئېيتىش. بالىلارغا «مەن كىتابنى سوۋغات قىلىپ ئېلىشقا ناھايىتى ئامراق، كىتاب بىزنى ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەلەرگە باشلايدۇ» دېيىش.

  ئۇنداقتا، زادى قانداق قىلغاندا بالىلاردا كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتلدۈرگىلى بولىدۇ؟

  1. بالىڭىزنى بوۋاق-گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاپلا كۇتۇپخانىغا ئاپىرىڭ.

  بالىلارنىڭ كىتاب كۆرۈش ئادىتى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك. بالىلار ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا دائىم كۇتۇپخانىلارنى ئايلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغۇتۇشقا پايدىسى كۆپ، ۋاقتىڭىز چىققاندا بالىڭىزنى كۇتۇپخانىغا ئاپىرىپ، كۆڭۈل قويۇپ بىر-ئىككى پارچە ياخشى كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە