- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋات ھەققىدە قوشاقلار
ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان ھەسەن(ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات مەركىزىدىن)
2017.08.22 16:55 مەنبە: خەلق تورى
ئاۋات دېگەن گۈزەل يۇرت،
ئىسمى-جىسمىغا لايىق.
سۆيەر دىلدىن قەدىرلەپ،
ئۇنى بارچە خالايىق.
-----
ئاۋات دېگەن قەدىم يۇرت،
تارىم بويى چىمەندە.
خەلقى ئىشچان، ئەقىللىق،
كۈچ-قۇۋەت بار بەدەندە.
-----
ئاۋات دېگەن توغراقزار،
كۆكلەر قۇملۇق بارخاندا.
سايە تاشلار باشلارغا،
دېھقان ئىشلەپ ھارغاندا.
-----
ئاۋات دېگەن باغ-بوستان،
باردۇر ھەر خىل مېۋىسى.
ئوخشار سەرخىل گۈللەردىن،
خۇشبۇي يەرلىك پىۋىسى.
-----
ئاۋات خەلقى ئۈزۈمدىن،
ياسار شىرنە، مۇسەللەس.
ئۇنى ئىچسە ھەۋەستە،
ياتار ئۈچ كۈن بولۇپ مەس.
2
-----
دولان مەشرەپ-مۇقامى،
ياڭراپ تۇرار ئاۋاتتا.
ئايان بولار ئېچىلىپ،
نېمە بولسا ھاياتتا.
-----
قىزىپ پۇتا ئۇيۇنى،
چىقىپ كېتەر ئەۋجىگە.
باشلار گۈزەل ھاياتنى،
شېرىن سۆيگۈ مەۋجىگە.
-----
ھۆرمەت تاپار قوشاقچى،
كاتتا سورۇن ئىچىدە.
قاينار دولان مەشرىپى،
ئاي تۇغۇلغان كېچىدە.
-----
سۆزگە ماھىر مىرزىۋاز،
قايىل قىلار ھەممىنى.
يەرلىك سەنئەت كۆرسىتەر،
ئەل-ئاۋامغا پەيزىنى.
3
-----
ئاۋات خەلقى تىرىشچان،
چۆلنى بوستان قىلىدۇ.
ئۇسساپ كەلسەڭ يىراقتىن،
قوغۇن-تاۋۇز تىلىدۇ.
-----
ئاۋات خەلقى كەڭ قورساق،
مىننەت قىلىپ يۈرمەيدۇ.
داستىخىنى مېھمانسىز __
ھايات پەيزى سۈرمەيدۇ.
-----
ئاۋات خەلقى سەنئەتكار،
راۋاپ، قالۇن چالىدۇ.
ھەتتا يالغۇز داپ بىلەن،
كۆڭۈل سوراپ ئالىدۇ.
-----
ئاۋات خەلقى ئىلىمنى،
قەدىرلەيدۇ، سۆيىدۇ.
مەرىپەتنىڭ ئىشقىدا،
ئۆرتىنىدۇ، كۆيىدۇ.
-----
ئاۋات خەلقى سەۋرچان،
شېرىن ۋىسال كۈتىدۇ.
گۈزەل تۇرمۇش ھەققىدە،
مىليۇن داستان پۈتىدۇ.
-----
-----
4
قەدىم دىيار باغتوغراق،
ئاشلىق، پاختا ماكانى.
خەلقى ياشار باياشاد،
مەپتۇن قىلىپ جاھاننى.
-----
نەغمە-ناۋا ياڭرايدۇ،
ساپ ھاۋالىق باغلاردىن.
بارچە دىللار سۆيۈنەر،
خۇشال ئۆتكەن چاغلاردىن.
-----
5
يۇرتنىڭ بېشى غوروچۆل
مەپتۇن قىلار كىشىنى.
مەشرەپ ئويناپ ئۇزىتار،
زىمىستان سوغ قىشىنى.
-----
دولان-مەشرەپ مۇقامى،
گۈلگە تولغان بۇ يەردە.
نۇرغۇن ماھىر سازاندە،
ماكان تۇتقان شۇ يەردە.
-----
يېمەك-ئىچمەك گۈللىنىپ،
قىلغان يۇرتنى پاراۋان.
ئۇرغۇپ تۇرار يۈرەكتىن،
قايناپ ئوتلۇق ھاياجان.
-----
كىيىم-كېچەك رەڭگا-رەڭ،
ئوغۇل-قىزغا ياراشقان.
ئەسلەپ گۈزەل ياشلىقىنى،
بوۋاي-موماي قاراشقان.
-----
ھۈنەر-سەنئەت ئەھلى كۆپ،
گۈل ئۈنىدۇ قولىدىن.
يېغىپ تۇرار بەرىكەت،
قەدەم باسقان يولىدىن.
-----
ئاشلىق، چارۋا، مايلىقدان،
ئولاغ، پاقلان كاۋابى.
ھۇزۇر بېرەر جانلارغا،
قالۇن، غېجەك، راۋابى.
-----
غوروچۆل دەپ ئېتى بار،
ئەمما، قوينى چۆل ئەمەس.
دېڭىز دەيدۇ ئامبارنى،
دېڭىز ئەمەس، كۆل ئەمەس.
-----
گۈللەپ، ياشناپ غوروچۆل،
قۇرۇپ چىقتى بازارنى.
ئالدى مەھكەم قوينىغا،
دىلى سۇنۇق ئازارنى.
5
بەشئېرىق دەپ ئاتالغان،
ئەسلى نامى باش ئېرىق.
سۇلار ئاقار شارقىراپ،
بولمىسىمۇ تاش ئېرىق.
-----
قاتار-قاتار قۇرۇلغان،
سۇ بويىغا تۈگمەنلەر.
ئۆگۈت تارتىپ ھارمىغان،
ئەلگە مېھىر بەرگەنلەر.
-----
بەشئېرىقتا تۆت كوچا،
خاس نام بىلەن ئاتالغان.
ھۈنەر-كەسىپ گۈللىنىپ،
ئۇستىكارلار جەم بولغان.
-----
6
يېڭىئېرىق كونا جاي،
قەدىم دولان دىيارى.
خەلقى ئىشچان، ھىممەتلىك
باردۇر تەندە مادارى.
-----
چىۋەر ئۇستام قولىدا،
ئۈگرە، مانتا ئوخشايدۇ.
قورسىقى توق خېرىدار،
ھەۋەس بىلەن توختايدۇ.
-----
سامسا دېگەن بۇ يۇرتنىڭ،
مەڭگۈ ئۆچمەس ماركىسى.
سامسا يەيدۇ بەس-بەستە،
يۇرتنىڭ ئېسىل كاتتىسى.
-----
قوغۇن-تاۋۇز، يەل-يېمىش،
ئۇچۇر بېرەر تەمىدىن.
ھەيران قالار خالايىق،
باغۋەنلەرنىڭ پەمىدىن.
-----
ئۆپكە-ھېسىپ، لىغىرداق،
ئوخشار ئوغلاق كاۋابى.
جانغا ھۇزۇر بېرىدۇ،
قايماق، دوغاپ، شارابى.
7
دولان يېزا بوستانلىق،
ياڭرار قۇشاق ناۋاسى.
ھۇزۇر بېرەر ھاياتقا،
گۈزەل خۇشبۇي ھاۋاسى.
-----
دولان دېگەن بۇ يۇرتنىڭ
نامى ئەلگە تارالغان.
ئاۋات دولان مۇقامى
مۇشۇ يۇرتتا يارالغان.
-----
دولان دېسە جاھاندا،
بىلمەيدىغان كىشى يوق.
ھۈنەر-سەنئەت پىرى ئۇ،
قىلمايدىغان ئىشى يوق.
27.07.2017 ئاۋات
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر