باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەلەمپەي

تۇرسۇنجان ھەسەن

2017.04.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن ھەر كۈنى بىر پەلەمپەيدىن 48 بالداقنى دەسسەپ، كۈنىگە ئالتە قېتىم چىقىپ-چۈشۈمەن. ئېگىزگە ئورلىگەنسېرى ھارغىنلىق ھېس قىلغان بولساممۇ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاش، ئېگىزدە ياشاپ تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈش، ئېگىز بىنادا ئۆزۈمنى كۆز-كۆز قىلىش جەھەتتىكى روھىي غالىبىيەتچىلىك مېنى مەغرۇرلاندۇرىدۇ.

  مەن ئەزەلدىن تۈۋەندە-ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا، ئادەتتىكى تۇرمۇش قوينىدا، ئادەتتىكى كەسىپ بىلەن شوغىللىنىپ كەلگەن ئادەم. ئادەتتىكى نەرسىنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولماقچىدى؟ بىر قوتا مېنرال سۇ ئادەتتىكى بازارلاردا شۇنچىلىك ئەرزان، ئەمما، ئايرودۇرۇم، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلاردا ئۇنىڭ قىممىتى نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ بارىدۇ. ئايرودۇرۇمدىكى ئايروپىلانلار نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاسماندا ئۇچىدۇ، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ باھاسى-قىممىتى بايلارغا، زەردارلارغا، سودىگەرلەرگە، دەرىجىسى يوقىرى ئەمەلدارلارغا، جاھان كېزىپ يۈرىدىغان سەيياھلارغا تۇنۇش. ئوخشاش بىر قۇتا مېنرال سۇ ئادەتتىكى بازارلاردا شۇنچىلىك ئەرزان، ئەمما، ئالاھىدە جايلاردا ئۇنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە قىممەت.

  مەن ئېگىز بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە، كۈنىگە بىر پەلەمپەيدىن 48 بالداقنى دەسسەپ چىقىپ خىزمەت قىلىمەن. ياخشى بولغان خىزمەت شارائىتى، كىشىلەرنىڭ ئىللىق مۇئاملىسى، ھەر تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان ھۆرمەت-ئېھتىرام، كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي قەدىر-قىممەت مېنى بىباھا روھىي بايلىققا ئىگە قىلىدۇ. مەن ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان كاتتا شان-شەرەپلەرگە مۇشۇ ئېگىز بىنادا ئېرىشىپ، چەكسىز خۇشاللىق تاپتىم. ھەر بىر بالداققا پۇتۇمنى قويغىنىمدا، كەيپىياتىم ئالاھىدە ياخشىلىنىپ، قەلبىم شادلىققا تولىدۇ. مەن جانغا ھۇزۇر بېرىدىغان شادلىق ئىچىدە بىر-بىرلەپ يوقۇرىغا ئۆرلەيمەن.

  مەن ئىشخانامغا كىرىپ چاپانلىرىمنى سېلىپ تاشلاپ، يەڭگىل بولۇپ كۈندۈلۈك خىزمەتلەرگە كىرىشىپ كېتىمەن. مەن كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىشقا ئامراق. كۈنۈپكا ئاۋازىدىن چىققان يېقىملىق ئاۋازلار، سۈكۈتكە چۆمگەن ئىشخانىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇرسىمۇ ھېچكىم مەندىن خاپا بولمايدۇ، مەنمۇ ھېچكىمنى نارازى قىلىشنى خالىمايمەن. بۇ ئېگىز بىنادا ئولتۇرۇپ دۇنيانىڭ، ھاياتنىڭ، تەبىئەتنىڭ، كائىناتنىڭ بەرگەنلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ دۇنيانىڭ بىر زەررىسى ئىكەنلىكىمنى ئىپادىلەپ كەلدىم.

  مەن ئېگىز بىنادا ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھاياتىمغا مەنە ۋە قىممەت ئاتا قىلىش يولىدا تىرىشىپ كەلدىم. مەن ئەزەلدىن تۈۋەندە ياشاپ كەلگەن ئادەم. يېشىم 50 تىن ئاشقاندا، ئېگىز بىنادا ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالغانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن. ئېگىزدە تۇرغان ئادەمنىڭ تەپەككۇرى جانلىق، خىيالى قاناتلىق، قەلبى ئوتلۇق، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، ھېسسىياتى قايناق، پىكىرى ئويناق بولسا كېرەك. تىنىمسىز يېزىۋاتىمەن، يازغانسېرى يېزىش ئىستىكىم كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. قارىغاندا ئېگىزدە ياشاشنىڭ لەززىتى باشقىچە بولسا كېرەك. قۇشلارنىڭ ئەڭ ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قۇنۇشىدىمۇ بىر سىر-ھېكمەت باركەن-دە. ئەڭ تەملىك مېۋە دەرەخنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىدە بولىدىكەن.

  مەن ئەزەلدىن تۈۋەندە ياشاپ كەلگەن ئادەم. مەن شاخلىرى يەرگە ئىگىلىپ، مېۋىلىرى يەرگە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر تۈپ مېۋىلىك دەرەخ. مېنىڭ چېچەكلىرىمدىن، يۇمۇرماقلىرىمدىن، يۇمران شاخلىرىمدىن، مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلىرىمدىن كىشىلەر يەتكۈچە ھۇزۇرلانسىمۇ، مېنى بىر قېتىم ئېگىزگە ئېلىپ چىقىپ باقمىغان ئىدى. مەن بۇ قېتىم بىر ئېگىز بىنادىن ئورۇن ئېلىپ، قىممىتىمنى قايتا ياراتتىم، قەدىر-قىممىتىمنى قايتىدىن تۇنۇپ يەتتىم.

  مەن ئېگىز بىناغا چىقىپ-چۈشۈپ ياشاۋاتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا مۇشۇنداق ئېگىز بىنالارنى كىنولاردىن كۆرسەم، زوقلىنىپ قاراپ قالاتتىم. ماڭىمۇ ئاخىرى ئېگىز بىنادا ياشاش پۇرسىتى كەلدى. مەن بۇ ئۇلۇغ تارىخىي پۇرسەتنى قەدىرلىشىم كېرەك. قولۇمدىن نېمە كېلىدۇ؟ يېزىقچىلىققا بولغان ئوتلۇق ھەۋەس مېنى كىشىلىك دۇنياسىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى بىلىشكە قىزىقتۇرۇپ كەلدى. مەن ئىزدىگەن مەنەلار، مەن ئىزدىگەن ھېكمەتلەر، مەن ئىزدىگەن خاراكتېرلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندا تېڭىرقاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ يېزىش كېرەك، داۋاملىق يېزىش كېرەك، كىشىلەرگە يېزىشنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، يازغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىم كېرەك.

  مەن ئېگىز بىنانى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. پەلەمپەينى بىر-بىرلەپ دەسسەپ چىقساممۇ 4-قەۋەتتىكى ئىشخانامغا چىقىمەن. لىفىت بىلەن چىقساممۇ ئوخشاشلا 4-قەۋەتكە چىقىمەن. چىقىدىغان ئورنۇم ئوخشاش، ماڭىدىغان يولۇم ئوخشاش ئەمەس، ئەمما، يېتىدىغان مەنزىلىم ئوخشاش. ئاخىرى 4-قەۋەتكە جايلاشقان ئىشخانامغا كىرىپ، چاپانلىرىمنى سېلىپ تاشلاپ، كومپىيوتېرنى ئېچىپ، يېزىقچىلىق قىلىشنى باشلايمەن. يېزىش جېنىمغا ھۇزۇر بېرىدىغان بىر خىل ئىجادىي پائالىيەت، ئىجادىيلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتتىنمۇ مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ھايات بارمۇ؟!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر