باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مەن شەرققە قارايمەن

تۇرسۇنجان ھەسەن

2017.04.13 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن شەرققە قارايمەن.

  ئاخشاملىرى شەرق يۇلتۇزلىرى چاقناپ تۇرغان پايانسىز بوشلۇققا مەپتۇنلۇق بىلەن قاراپ، بەخت يۇلتۇزۇمنىڭ سېماسىنى كۆرمەكچى بولىمەن. قەيەرلەردىندۇر ئاڭلىنىپ تۇرغان كوچا ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەن خىياللىرىمنى قوغلىشىپ، ھاياجاندىن يۈرىكىمنى لەرزىگە سالغان تەرەپكە قايرىلىمەن:

  كىچىكىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم،
  ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا.
  توۋا دەيمەن، تاپالمىدىم بەختىمنى،
  نېمە قىلسۇن مېنىڭ بەختىم ئاسماندا؟

  ئاڭلىغىنىم بىر ناخشا، بىر لېرىك كۈي، بىر دەردمەن ئاشىقنىڭ يۈرەك ساداسى.

  شەرق يۇلتۇزلىرى چاقناپ تۇرغان پايانسىز بوشلۇققا شەيدالىق بىلەن قارايمەن. نۇر تالالىرى ئارىسىدىن مۇقەددەس روھلارنىڭ غەيۇر سېماسىنى كۆرگەندەك بولىمەن. يارقىن نۇر ھالقىلىرى ئىچىدە دەۋرەپ تۇرغان مۇقەددەس روھلارغا، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق چىقىپ تۇرغان قەيسەر ئىزلىرىغا ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن نەزەر سالىمەن.

  شەرق يۇلتۇزلىرى چاقنىغان پايانسىز ئۇپۇقتا-رومانتىك تۇيغۇلارغا قانات ئاتا قىلىپ، كۆڭۈلگە شادلىق ناۋاسىنى ئاڭلىتىپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ سېمفونىيەلەرنىڭ باش ئوكېستىرى بار. مەن مۇزىكىنىڭ سېھرىلىك كۈيلىرى ئىچىدە قەدىمكى ئەجدادلىرىمنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخ بەتلىرىنى زوق-شوق بىلەن ۋاراقلايمەن.

  مەن شەرق يۇلتۇزلىرىنىڭ چاقناشلىرىغا تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن. يۇلتۇزلارنى ئادەملەر تۇرغۇن يۇلتۇزلار تۈركۈمى، ئاقار يۇلتۇزلار تۈركۈمى دەپ ئايرىپ باقىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى يۇلتۇزلارغا قىياس قىلىپ باقىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولغانلار ھاياتىدىن ئىپتىخارلىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كۈلىدۇ، ئاقار يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولغانلارمۇ قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ چاقناپ ئۆچكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئادەملەر بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدۇ، شۇڭا، ئۆمرىنى ئۇزارتىشنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ، ئەمما، ئۆلۈمدىن ئىبارەت قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتتىن نېرى بولالمايدۇ.

  مەن شەرققە قارايمەن. كېچىلىرى شەرق يۇلتۇزلىرىنىڭ جىلمىيىشلىرىدىن شېئىرىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ، شائىرلىقنىڭ پەيزىنى سۈرسەم، كۈندۈزلىرى شەرقتىن بالقىپ چىققان نۇرانە قۇياشنىڭ خالىس ھالاۋىتىدىن بەھرىمان بولىمەن. شەرق مۇقەددەس بىر جاي، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋرى ئەڭ ئالدى بىلەن شەرقتىن باشلانغان. نۇرغۇنلىغان سەيياھلار شەرقنىڭ سىر-ھېكمەتلىرىگە شەيدا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دېڭىز-ئوكيانلاردىن، نۇرغۇنلىغان دەريا-ئېقىنلاردىن، نۇرغۇنلىغان تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ شەرققە كەلگەن. شەرقنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى، شەرقنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى، شەرقنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى، شەرقنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، شەرقنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرى، شەرقنىڭ ئادىمىيلىك پىرىنسىپلىرى ئۇلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. ئۇلارنىڭ شەرقتىن كېتىشكە رايى بارمىغان. كەتكەنلىرى يەنە قايتىپ كەلگەن.

  مەن شەرققە قارايمەن. شەرقتىكى ئالىملار، يازغۇچىلار، شائىرلار، رەسساملار، سەنئەتكارلار ۋە مۇتەپەككۇرلارغا ھەۋەس قىلىمەن، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك، قارىشى ۋە قىممەت قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقى مېنى ئۆزىگە مايىل ۋە قايىل قىلىدۇ. شەرق كارۋانلىرى باسقان ئۇزۇن مۇساپىلەردىكى زامانلارنىڭ تامغىلىرى بېسىلغان ئۇنتۇلماس كەچۈرمىشلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندا، باھادىر ئەزىمەتلەرگە چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  مەن شەرققە قارايمەن، شەرق ئۆرلەۋاتقان قۇياشنىڭ مۇقەددەس جايى، يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىش نوقتىسى، يېڭى بىر ھاياتنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش ھالقىسى. ھەممە ئىش شەرقتىن باشلىنىدۇ، شەرقتىن باشلانغان ئۇلۇغ مۇساپە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتۇشۇپ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغان ھاياتلىق زەنجىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئالەم-ئالەم بولۇپ يارالغاندىن باشلاپ شەرق ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئورنىنى مۇستەھكەم ساقلاپ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ شەرققە بولغان ھەۋەسلىرى ۋە قىزىقىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان. شەرقنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، ھېكايە-چۆچەكلىرى، بېيىت-قوشاقلىرى، لەتىپە-چاقچاقلىرى، قىسسە-داستانلىرى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سېھىرلىك رولىنى جارى قىلدۈرۈپ كەلگەن. شەرق __ ئىنسانلار، جانلىقلار، غەيرىي جانلىقلار تېۋىنىپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ بىر جايغا ئايلىنىپ كەتكەن. شەرقلىق سودىگەرلەر، شەرقلىك سەنئەتكارلار، شەرقلىق جاھانكەزدىلەر، شەرقلىق دانىشمەنلەر، شەرقلىق ئاتالغان جىمىكى مەخلۇقاتلار دۇنيا كىشىلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ كەلگەن.

  مەن شەرققە قارايمەن، شەرق يۇلتۇزلىرىنىڭ جەزبىدار نۇرلىرىدىن شېئىرلىرىمغا ئىلھام ئالىمەن. شەرق قۇياشى يوللىرىمنى يۇرۇتقاندا، ئالەمنىڭ سىر-ھېكمەتلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ. يوللار-يوللارغا تۇتاشقان، مەن ئۆزۈمنىڭ شەرقلىككە خاس يولىدا تېڭىرقىماي ماڭىمەن. شەرق مېنىڭ يولۇمنى يۇرۇتۇپ، ئەقىل بۇلاقلىرىمنىڭ ئابى چەشمىلىرىنى ئۇلغايتىپ، كەيپىياتىمنى تەڭشەپ، ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرىمنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. شەرق مېنىڭ ھاياتىمغا مەنە ۋە مەزمۇن ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.

  مەن شەرققە قارايمەن. شەرق __ يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىش نوقتىسى، يېڭى بىر ھاياتنىڭ پەرۋىشلىنىش بۆشۈكى، يېڭى گۈزەل ئارزۇلارنىڭ قاناتلىنىش جەريانى، يېڭى تۇيغۇلارنىڭ جانلىنىش ئارامگاھى، يېڭى تەپەككۇرنىڭ قوشۇلۇش جەمگاھى. شەرق مېنىڭ مۇقەددەس ماكانىم، مەن شەرقنى سۆيىمەن، شەرققە يۈزلىنىپ، دۇنياۋىي سەپىرىمنىڭ گىگانت قەدىمىنى مەغرۇر باسىمەن. شەرقتە تۇغۇلغانلىقىم، شەرقتە ياشىغانلىقىم، شەرقتە دۇنيانى بىلگەنلىكىم مېنىڭ بەختىم.

  مەن شەرققە قارايمەن، شەرق قۇياشى يۇرۇتقان يوللاردا مېڭىپ، شەرق يۇلتۇزلىرى جىلۋىلىنىپ تۇرغان پايانسىز ئاسمانغا قاراپ، شەرقنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، شەرق ئادەملىرى ئىچىدە قەدىرلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئۇلار بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ ياشاش مېنىڭ بەختىم.

  مەن دۇنياغا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: مەن شەرق ئادىمى، دۇنيا مەدەنىيىتىنى شەرقلىكلەر ياراتقان، شەرىقلىكلەر دۇنياغا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يۇسۇن، ھۈنەر-سەنئەت تارقاتقان. مەن شەرقلىك بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە چەكسىز ئىپتىىارلىنىمەن،-دەيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر