باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تارىمدىكى ناخشا

تۇرسۇنجان ھەسەن

2017.04.07 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆزۈمنى ھېچ كىشىگە چۈشەندۈرگۈم يوق. باشقىلاردىن ئۆزۈم ھەققىدىكى پاراڭلارنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق. يالغۇر ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى، يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشنى، يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىگە ئاكتىپ يۈزلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، روھىم چۈشكەندە، ئۈمىدسىزلەنگەندە، كەيپىم ئۇچقاندا ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلاردىن تەسەللى ئىزدەيمەن. تۈمەنلىگەن يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان ئاسمان بوشلۇقى-ماڭا ئاجايىپ شېرىن تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇ. ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى باغرىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن تاشقى ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئەقىل كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، بىرلىك ئىچىدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھايات ھادىسىلىرىدىن زوقلىنىمەن.

  مەن تۇغۇلۇپلا ئاسمانغا قارىغان. ياشلىق سەۋدالىرى يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن، مۇھەببەت پەسلىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمى جېنىمنى قىينىغان، ۋىسال ئارزۇسىدا ئۇچقان مەيىن شاماللار لىرىك ناخشىلىرىمنى يىراققا ئېلىپ كەتكەن چاغلاردىمۇ ئاسمانغا قارىغان. بەخت يۇلتۇزۇمنى ئىزدەپ خانى-ۋەيران بولغان چاغلاردىمۇ ئاسمانغا قارىغان. دېمەك، ئاسمان مەندە ئۆلمەس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان بۈيۈك سېما. مەن ئاسمانغا تېۋىنىمەن. ئەجدادلىرىمنىڭ روھىنى ئاسماندىن ئىزدەيمەن.

  مەن ئاسمان ھەققىدە ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. تەكلىماكان بويلىرىدىكى بىزنىڭ ئەزىز يۇرتلىرىمىزدىكى مۇقەددەس زېمىنلارغا ئاسماننىڭ خەرىتىسى سىزىلغان. بىپايان تارىم قۇملىرىدا ئاسماندىكى جىسىملارنىڭ شەرتلىك بەلگىلىرى بار. ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز تارىم بويلىرىدا، ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدا، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان دەريا بويىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ دۇنيانىڭ يۇمۇلاق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، دۇنيانىڭ تۇنجى خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. تارىم ۋادىسىغا يېيىلىپ ئېچىلغان ئاسمان خەرتىسى-دۇنيانىڭ سىر-ھېكمەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرغان.

  تەكلىماكاننىڭ ئاسمىنى ئاجايىپ سۈزۈك، يۇلتۇزلىرى شۇنچىلىك نۇرلۇق. بارخانلىرى تىلسىمغا تولغان. نەچچە ئەسىر مابەينىدە ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن تارىم توغراقلىرى قۇيۇق رىۋايەت تۈسىنى ساقلاپ كەلگەن. بىردە كۆرۈنۈپ، بىردە كۆرۈنمەي ئېقىۋاتقان دەريا-ئېقىنلار ئەپسانە دەۋرىنىڭ مۇقەددەس كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ كەلگەن. مەن مۇشۇ سىرلىق زېمىندا ئەقىل تاپقان، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنگەن، قەلبى ئاتەش ھاياجاندىن لەرزىگە كەلگەن ئاخىرقى سەيياھ.

  مەن تارىمنىڭ باغرىدا ئۆسكەن، ئاقسۇ دەرياسى، يەركەند دەرياسى، خوتەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان تارىم دەرياسىنىڭ شەربەت سۈيىنى ئىچىپ، دولان-مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ مۇقەددەس كۈيلىرىنى ئاڭلاپ، قەدىمكى تارىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇقامچىلار، سازاندىلەر، ۋائىزلار، شائىرلار… بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، دۇنيانى شائىرانە تۇيغۇلار بىلەن مەدھىيەلەپ كەلگەن ئوت يۈرەك شائىر. شائىرلىق مېنىڭ ھاياتلىق قىسمىتىم. چۈنكى تارىم ۋادىسى تابئىي سەنئەت موزىيى، تارىملىقلار دۇنيا سەنئىتىنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسىنى ياراتقان ماھىر ئىجادكارلار. مانا مۇشۇنداق موھىت مېنى شائىر قىلىپ قاتارغا قوشقان.

  مەن تارىم بويلىرىدا: سەنئەت جاۋاھىراتلىرى ئىچىدە، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان مەشرەپ كېچىلىكلىرىدە، قاپىيەلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن سۆزلەشمىلەردە، چاقچاق-لەتىپىلەرنىڭ يارقىن جۇلاسىدا قەلبىنى تاۋلىغان، روھىنى ئۇزۇقلاندۇرغان، زېھنىنى چاقلاپ ئۆتكۈرلەشتۈرگەن بىر دانىشمەن ئىدىم. مەن بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى تارىمدىن ئالغان…تارىمدىكى سىر-ھېكمەتلەرگە ھەيرانۇ-ھەس قالغان، تارىمنىڭ ناۋاسىدىن، تارىمنىڭ ھاۋاسىدىن، تارىمنىڭ ساماسىدىن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ يارقىن جۇلاسىنى كۆرگەن.

  مەن تارىم بويلىرىنى ئايلىنىشقا ئامراق. تارىم بويلىرىدا مېنىڭ تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان خىسلەتلىك ئۇسسۇزلۇقلار، قەلب يارامنى ئەملەيدىغان شىپالىق دورا-دەرمەكلەر، روھىمنى ئاۋۇندۇرىدىغان سېھىرلىك كۈيلەر، ئىرادەمنى تاۋلايدىغان مۈشكۈل سەپەرلەر، زېھنىمنى ئاچىدىغان تىلسىم خەتەرلەر، مۇھەببىتىمنى قوزغايدىغان خۇشپۇراق گۈللەر، قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدىغان مويسىپىت توغراقلار، قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان بارخانلار بار.

  ئۆزۈمنى ھېچ كىشىگە چۈشەندۈرگۈم يوق. باشقىلاردىن ئۆزۈم ھەققىدىكى پاراڭلارنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق. يالغۇر ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى، يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشنى، يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىگە ئاكتىپ يۈزلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن تارىم بويلىرىدىن ئۆزۈمگە تەسەللى، قىزغىن ئىشتىياق، چوڭقۇر مۇھەببەت تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر