باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بىر قول

ياڭ خەنگۇاڭ

2016.10.14 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر دىۋانە ئىشىكىمىز ئالدىدا ئاپامدىن سەدىقە تىلىدى. دىۋانىنىڭ ئوڭ بىلىكى بولمىغاچقا، چاپىنىنىڭ يېڭى پۇلاڭلاپ تۇراتتى. مەن ئاپامنى سەدىقە بېرىدىغان بولدى، دەپ ئويلىۋېدىم، ئەكسىچە، ئاپام ئىشىك ئالدىدىكى بىر دۆۋە خىشنى كۆرسىتىپ:

  − ماۋۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرگىن، − دېدى. دىۋانە خاپا بولۇپ:

  − بىرلا قولۇم تۇرسا، مېنى ئۇ ئىشقا سېلىشقا كۆڭلىڭىز قانداق ئۇنايدۇ؟ − دېدى. ئاپام چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن بىر قولىدا خىش توشۇدى، بىر دەمدىن كېيىن:

  − قارا، بىر قولدىمۇ ئىش قىلغىلى بولىدىكەنغۇ، مەن قىلغاننى سەن نېمىشقا قىلالمايسەن؟ − دېدى.

  دىۋانە ئاپامغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئاخىر ئېڭىشىپ، قولىغا خىشنى ئالدى، بىر قېتىمدا ئاران ئىككى پارچە خىشنى يۆتكىيەلەيتتى. ئۇ ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ ئىككى سائەت ئىشلەپ، خىشنى يۆتكەپ بولدى.

  ئاپام ئۇنىڭغا ئاپپاق لۆڭگە بەردى.

  ئۇ بويۇن ۋە يۈز- كۆزلىرىنى سۈرتكەندە، لۆڭگە قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى.

  ئاپام ئۇنىڭ قولىغا 20 يۈەن تۇتقۇزدى. دىۋانە خۇشاللىقىدىن:

  − رەھمەت، رەھمەت، − دېدى.

  − بۇ پۇلنى سەن ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ تاپتىڭ، − دېدى ئاپام.

  خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ، يەنە بىر دىۋانە ئىشىكىمىز ئالدىدا پەيدا بولدى. ئاپام ئۇنىڭغا ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى بىر دۆۋە خىشنى ئالدىغا يۆتكىتىپ، يەنە 20 يۈەن بەردى.

  − ئۆتكەنكى دىۋانىگە بۇ خىشنى ئالدىدىن كەينىگە توشۇتتىڭىز، بۇ قېتىمقىسىغا كەينىدىن ئالدىغا توشۇتتىڭىز. خىشنى زادى نەگە قويماقچىتىڭىز؟ − دەپ سورىدىم چۈشىنەلمەي.

  − بۇ خىشلارنى ئالدىغا قويساقمۇ، ئارقىغا قويساقمۇ ئوخشاش، بىراق، دىۋانە ئۈچۈن ئۇنى يۆتكەش- يۆتكىمەسلىكنىڭ پەرقى بار، − دېدى ئاپام.

  بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ، بىر كۈنى ئۆيىمىزگە ناھايىتى سالاپەتلىك بىر كىشى كەلدى. گالاستۇكىنى قاتۇرۇپ تاقىغان بۇ كىشى بىر قاراشتىلا كاتتا خوجايىنلاردەك قىلاتتى، بىراق چاپىنىنىڭ يېڭى ھاۋادا پۇلاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ كىشى بىر قولى بىلەن ئاپامنىڭ قولىنى تۇتۇپ، يۈكۈنۈپ تۇرۇپ:

  − سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن بۇ كۈنگە ئۇلىشالمايتتىم. ئەينى چاغدا سىز ماڭا خىش توشۇشنى ئۆگىتىپ، مېنىڭمۇ بىر ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويغاچقا، بۈگۈن بىر شىركەتنىڭ دىرېكتورى بولالىدىم، − دېدى.

  − بۇ ئۆزۈڭنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولغان، − دېدى ئاپام. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر