باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سېغىنىشى ۋە ھەسىرىتى

2016.10.12 14:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر كۈنى ئولتۇرۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتا مېنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچۇم بىر قولىدا چوڭ چوتنى، بىر قولىدا بور قۇتىسىنى كۆتۈرگىنىچە سىنىپقا كىرەتتى. ئۇ دوسكىغا قاراپ چوت ئۇرۇقلىرىنى شاراقشىتىۋاتقاندا، كەپسىز ئوغۇل بالىلار قىمىرلاشقا باشلايتتى. لېكىن، بېشىنىڭ كەينىدە كۆزى بارمىكىنتاڭ، مۇئەللىم ئارقىغا بۇرۇلاتتى – دە، ئىككى تال بور كۆتىكى ھەييارلىق قىلغان ھېلىقى ئوقۇغۇچىغا قاراپ كەينى – كەينىدىن ئۇدۇل ئۇچاتتى. نېمە دېگەن ئۇستا مەرگەن – ھە! بىز جايىمىزدا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ ھۈنىرىگە زوقلىنىپ كېتەتتۇق، ‹‹ئوق››تەگكەن ئوقۇغۇچىنىڭمۇ يۈزى قىزىرىپ كېتەتتى.

  ئاشۇ يىللاردا ئاتا – ئانىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق قول بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى. ئاپام ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچۇم بىلەن كۆرۈشكەندە، قىزغىنلىق بىلەن: ‹‹مۇئەللىم، بالىنىڭ سۆڭىكى بىزنىڭ، گۆشى سىزنىڭ، بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە جىقراق ساۋاپ قويارسىز›› دەيتتى، مۇئەللىممۇ: ‹‹شۇنداق قىلىمەن!›› دەيتتى قىزغىنلىق بىلەن. ساۋاقداشلار مۇئەللىمنىڭ ئارتۇقچىلىق – كەمچىلىكلىرى توغرىلىق غۇلغۇلا قىلىشاتتۇق. بۇ جەھەتتە، 3 – سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ھەر قېتىم بىزنى ئۇتۇۋالاتتى.

  ئاشۇ يىللاردا بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بەدەل تۆلەشتىن ھەرگىز قاچمايتتى. مۇئەللىم يۈز – خاتىر قىلماستىن بىزنى راسا تىللايتتى، بىر تىللاپ كەتسە كەچكىچە بېسىقمايتتى، تۇيۇقسىز: ‹‹ۋاي!›› دېگىنىچە، بالىسىنىڭ تېخىچە يەسلىدە ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالاتتى – دە، ئالدىراپ – تېنەپ كېتىپ قالاتتى. ئۇ پۇتى سۇنغاندىمۇ ھاسىغا تايىنىپ دەرسكە كىرگەنىدى، ئاچچىقى كېلىپ بىزنى ئۇرماقچى بولغاندا يىقىلىپمۇ كەتكەنىدى. ئاشۇ يىللاردا، ئالقىنى ئىششىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى مۇئەللىمگە توخۇ تۇخۇملىرىنى سوۋغا قىلاتتى، ھەر قېتىم ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، مۇئەللىمگە: ‹‹ياخشىمۇ سىز!›› دېگەندە، قەلبىمىز ھۆرمەت ۋە ھەۋەسلىنىش ھېسسىياتىغا تولاتتى.

  مۇشۇ ھۆرمەت ۋە ھەۋەسلىنىش تۈپەيلى، مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم. لېكىن، ئون نەچچە يىل بولدى، مەن ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر تال بور كۆتىكىنى ئېتىپ باقتىممۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنى بۇلۇڭدا تۇرغۇزۇپ قويۇشقا جۇرئەت قىلىپ باقتىممۇ؟ ۋىجدانىم گۇۋاھ بولسۇنكى، بەزىدە ئۇرغۇممۇ، تىللىغۇممۇ كېلىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇشىنى، تىللىشىنى ياقتۇرىدىغان زامان كەلمەسكە كەتتى. ئوقۇغۇچىلىرىم ھيۇگونىڭ ‹‹شىكىسپېر توغرىسىدا›› ناملىق ئەسىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ تاپشۇرۇق قىلىۋالغاندا، مەن ئۈندىمەسلىككە مەجبۇر بولىمەن؛ ياش ئاشىق – مەشۇقلار سىنىپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇندۇقتا بىر – بىرىگە بولكا يېگۈزۈۋاتقاندا، مەن گاس – گاچا بولۇۋالىمەن؛ بەزى بالىلار لۇشۈننى ‹‹لۇدا›› دەپ يېزىپ قويسىمۇ، توغرا دەپ چەمبەر سىزىپ قويىمەن. ئەگەر بىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمىز بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان قەغىزىمىزنى يۈزىمىزگە ئاتقان، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى مېھىر – مۇھەببەتتىن، دېيىلگەن بولاتتى.

  مەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ‹‹بىز ئۇرىمىز›› دېگەن چاغدىكى ئاھاڭىدىن چىقىپ تۇرىدىغان قىزغىن مېھىر – مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى بەك سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ھېچبولمىغاندا ئاشۇ يىللاردا مەن ئوقۇتقۇچىسى ئۇرغانلىقى تۈپەيلى بىنادىن سەكرىۋالىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر