- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاققىدە يەرگە چۈشكەن لۆڭگە
(فېليەتون)
2016.08.26 13:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
چىمەنگۈل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى 200 كىۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان بۇ ئۆينى تازىلاۋاتقىنىغا تۆت كۈنچە بولغان بولسىمۇ، ئۆي ئىگىسى سوفىيە ئۇلارنىڭ ئىشىدىن رازى بولماي، ھە دەپ قۇسۇر تاپاتتى.
ـ ئەينەك تۈزۈك پارقىرىماپتۇ، قايتا سۈرتۈڭ! -دېدى سوفىيە چىمەنگۈلگە تەئەددى بىلەن.
ـ ھېچ يەردە داغ قالمىدىغۇ، يەنە قانداق سۈرتىمەن، -دېدى چىمەنگۈل يېلىنغان تەلەپپۇزدا.
ـ پارقىرىمىدى دەۋاتىمەن، -دېدى سوفىيە چىمەنگۈلنى گەپ ياندۇردى دېگەندەك ئۇنىڭ كۆزىگە غەزەپلىك تىكىلىپ. سوفىيەنىڭ ۋارقىرىشى چىمەنگۈلنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى بولغاي:
ـ مەن قانداق پارقىرىتىشنى بىلەلمىدىم، سىز پارقىرىتىپ بېقىڭە، مەن ئۆگىنىپ ئاندىن پارقىرىتاي،- دېدى چىمەنگۈلمۇ يۇقىرىراق تەلەپپۇزدا.
ـ مەن ئەينەك سۈرتۈشنى ئەمەس، ئېرىمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئۆگەنگەن، شۇڭا تازىلىق قىلىشقا سېنى يالاپ بەردى، ئەينەكنى مەن پارقىراتسام، ساڭا بىكار پۇل نەدە تۇرۇپتۇ؟ -دېدى.
سوفىيەنىڭ گويا چىمەنگۈلنىڭ بارلىق كەچۈرمىشىنى بىلىدىغاندەك تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ سۆزى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىۋەتتى – دە، قولىدىكى ئەينەك سۈرتۈۋاتقان لۆڭگە پاققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ شۇ تاپتا تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بىر سوئالنىڭ، يەنى ئېرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ خېتىنى بېرىۋەتكەنلىكىنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك قىلدى – دە، سوفىيەنىڭ كۆزىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ تۇيمايلا:
ـ رەھمەت، رەھمەت... سىزگە مىڭلارچە رەھمەت سوفىيە، دېدى – دە، ئىش ھەققىنى ئېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي، ئۇچقاندەك ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر