باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۇخلىيالماسلىق

2016.08.19 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچىم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ:

  ــ مۇئەللىم، سىزگە ئوخشاش يېشى 60تىن ئاشقان ئادەملەردە گاھىدا ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلىدۇ، دەپ سۆز باشلىدى ماڭا دەردىنى تۆكۈپ، ئەمما مەن ھازىر دائىم دېگۈدەك ئۇخلىيالمايمەن، خوتۇنۇم ئاغرىقچان، ھەر ئايدا دورا ئېلىپ ئىچىدۇ، ھازىر خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇپ ئۆيدە، بالاممۇ چوڭ بولۇپ ئوقۇش يېشىغا يەتتى، ئائىلىدە سۇ، توك، ئاش – تاماقنىڭ قايسىسىغا پۇل كەتمەيدۇ دەيسىز؟

  ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇھسىندىم. ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىغا مەنمۇ ياردەم قىلالمىغاچقا، ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ سورىدىم:

  ــ ئەمدى قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

  ــ مەنما؟ ئۇ بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ مىڭ تەستە دېدى، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، كېيىنچە كۈنلىرىم ياخشىلىنىپ قالغۇدەك بولسا، ھېچنېمىنى ئويلىماي، قانغۇدەك، خاتىرجەم بىر ئۇخلىۋېلىش، مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم ئۇيقۇسىزلىق.

  يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ نەچچە يىل بۇرۇن تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ، باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ پولات – تۆمۈر سودىسى قىلىپ، كۆپ پايدا ئالدى، كەينىدىن تىرىشىپ – تىرمىشىپ يۈرۈپ بىرسى بىلەن شېرىكلىشىپ ئارامگاھ ئاچتى، يېڭى ئېچىلغان بۇ ئارامگاھ ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىغا ئېرىشىپ، سودىسىمۇ جانلاندى. ئۇ ھېچ ئىش قىلماي ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ، ئارامگاھتىن ئېيىغا گەپ يوق نەچچە 10 مىڭ يۈەن پايدا كىرەتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىم ئارىسىدا كەسىپتە ئەڭ چوڭ ئۇتۇق قازانغانلاردىن بولۇپ قالدى.

  بىر كۈنى ئۇ مېنى ئېسىل ھاراق، تاماكا بىلەن يوقلاپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەمكىنلىكنى كۆرۈپ سورىدىم:

  ــ ھازىر ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ؟

  ــ نېمىنى دەيسىز؟

  ــ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىڭىزنى دەۋاتىمەن، ــ دېدىم ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ.

  ــ ھە، يەنە شۇ پېتى، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئىمپورت قىلىنغان نەچچە خىل دورىنىمۇ ئىچىپ باقتىم، ئۈنۈمى بولمىدى.

  ــ ھازىر نېمىشقا ئۇيقۇڭىز قاچىدىغان بولۇپ قالدى؟

  ــ ھەي، ھازىر كۈندە ھېسابات باشقۇرغۇچىم خىيانەت قىلامدىغاندۇ، مېھمانلارنى قانداق جەلپ قىلارمەن، باشقىلار مەندىن ئالغان قەرزنى قاچان قايتۇرار، سالغان مەبلىغىمنى قاچان قايتۇرۇۋالارمەن، خوتۇنۇمنى چەت ئەلگە ساياھەتكە ئېلىپ چىقماقچىتتىم، قاچان ۋاقىت چىقىرارمەن... دېگەندەك غەملەر بىلەن، ــ دېدى ئۇ، مەن تېخى باي بولغاندىن كېيىن ھېچنېمىدىن غەم قىلمايمەن، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە غېمىم تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى ئەمەسمۇ.

  ــ ھازىرمۇ ئۇخلىيالمايۋېتىپسىزدە.

  ــ كۈندىلا، مەن سىزگە ئۇيقۇسىزلىق ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بولۇپ قالدى دېگەنىدىمغۇ، ــ دېدى ئۇ.

  ئۇ ئۆيۈمدىن مەيۈس چىقىپ كەتتى، لېكىن مەن ئۇنى بىر سۆزنى خاتا ئىشلىتىپ قويدى، دەپ ئويلىدىم. ئىلگىرى تىرىكچىلىك غېمى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە بايلىق ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ قالغانىدى.

  ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر