باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئانامنىڭ سۇپرىسى

2016.05.26 13:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەھىمە ئابدۇراھمان

  ئانام ئۆينىڭ تۆشۈك جابدۇقلىرىغا بەكمۇ ئېتىبار بېرەتتى. نوغۇچ، ئاشتاختا، نانتاختا، ئەلگەك دېگەندەك جابدۇقلارنى ئېگىز يەرگە مىخ قېقىپ ئېسىپ قوياتتى.

  ئانامنىڭ ئىچى ئاق رەختتىن، تېشى سۈنئىي تالالىق خالتىدىن تىكىلگەن، ئۇن سىڭىۋالمايدۇ، دەپ رەخت تۆشۈكچىلىرىنى خېمىرتۇرۇچ سۈركەپ قاتۇرۇۋەتكەن بىر سۇپرىسى بار ئىدى. ئانام سۇپرىسىنى سالغاندا بىرنېمىلەرنى دەپ سالسا، يىغقاندىمۇ شۇنداق يىغاتتى. تاسادىپىي بىز يىغىپ قالساق ‹‹سۇپرا رەنجىمەڭ، سىزنى سالغان كىشى تويغا كېتىپتۇ›› دەپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئەدەپ بىلەن چىرايلىق قاتلاپ يىغاتتۇق. ئانام ‹‹ئەلگەكتە ئۇن قويماڭلار! سۇپرىدىن ئۇن ئۈزمەڭلار! بۇ دېگەن سۇپرىنىڭ بەرىكىتى›› دەپ سۇپرىدا داۋاملىق ئازراق ئۇن قالدۇرۇپ قويىدىغىنى ئېسىمدىن زادىلا چىقمايدۇ.

  ئاشۇ قەھەتچىلىك يىللىرىنىڭ بىر كۈنى ئۆيدە يېگۈلۈك قالمىغاندا، ئانام سۇپرىدا قويۇپ قويغان ئۇنلىرىنى قېقىشتۇرۇپ، مۇشتۇمدەك خېمىر يۇغۇرۇپ خولۇپئاش ئەتكەنلىكىنى ھېكايە قىلاتتى. ئانام ‹‹تۆت ئۆينىڭ سۇپرىسىدىكى ئۇندا بىر ئۆيگە تاماق پىشىپتۇ››، ‹‹ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق›› دېگەندەك ماقال – تەمسىللەرنى كۆپ ئىشلىتەتتى.

  ھەدىلىرىم توي قىلىپ ئۆي ئايرىپ چىققاندا، ئانام ئۇلارغا ئۆينىڭ بەرىكىتى، دەپ ھەر بىرىگە بىردىن چىرايلىق سۇپرا تىكىپ بەردى. يىللار ئۆتۈپ نۇرغۇن تۆشۈك جابدۇقلىرىمىز ئەمەلدىن قېلىۋاتاتتى. لېكىن ئانامنىڭ سۇپرىغا بولغان مېھرى ئازراقمۇ سۇسلاشمىغانىدى. شۇنداقلا تاماققا تۇتۇش قىلغىنىمىزدا ‹‹سۇپرىنى ئىشلىتىڭلار، بولمىسا ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئۇن قىلىۋېتىسىلەر›› دەيتتى.

  مەن توي قىلغاندىمۇ ئانام بىلەن دادام رەھمەتلىك يۇرتتىن بىر ئەلگەك بىلەن سۇپرىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئانام:

  بالام سۇپرا ئۆينىڭ بەرىكىتى، كېيىن مەندىن ئايرىلساڭ ‹‹ئانامنىڭ سۇپرىسى›› دەپ ئىشلىتەرسەن، دېدى.

  نېمە دېسەم بولار، راست گەپنى قىلسام ئەلگەك بىلەن سۇپرىنى يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمدا ئانچە – مۇنچە ئىشلەتسەممۇ، كېيىنچە خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ، تەييارغا ئۆگىنىپ قېلىپ سۇپرىغا قارىماپتىمەن. پەقەت ئانام كېلىپ ‹‹سۇپراڭنى ئەپچىققىنە بالام، ئۇن تاسقاپ قوياي›› دېگەندىلا، سۇپرا ئېسىمگە كېلىپ، ئىشكاپنىڭ ئىچىگە تاشلىنىپ قالغان سۇپرىنى ئەپچىقىپ بەردىم.

  ئانام سۇپرىنى شۇنداقلا سېلىپ پېشانىسىگە بىرنى ئۇردى ھەم:

  نېمە ئىشىڭ بۇ، مەن سېنى ئۆي تۇتۇشقا ئېپى بار، تۇرمۇشقا پىششىق دەپ يۈرسەم، دېدى. مەن سۇپرىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن سۇپرىنى ئېچىش بىلەنلا مىتە قۇرتلار ئۆمىلەپ، كېپىنەكلىرى ئاپام ئىككىمىزنىڭ باشلىرىمىز ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈردى. خىجالەتچىلىكتىن ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆز تاپالمىدىم. پەقەت ‹‹ئانا خاپا بولما›› دېيەلىدىم. قۇرت سۇپرىنى ئەمەس، ئانامنىڭ يۈرىكىنى يەۋاتقاندەك، ئانامنىڭ ئازابلانغىنى مانا مەن دەپ چىرايىغا چىقىپ كەتتى. چىرايى تامدەك ئۆڭۈپ كەتكەن ئانام:

  بۇرۇنلاردا تۆشۈك جابدۇقلىرى ئايال كىشىنىڭ زىبۇ – زىننىتىدەك ئەتىۋارلىق بولاتتى. سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قىلچە ئورنى ھەم ئەتىۋارى قالماپتۇ، دېدى. ئانام ئۇزاق ئۆتمەي ماڭا ئۆز قولى بىلەن چىرايلىق، چاققان بىر سۇپرا تىكىپ بېرىپ:

  ‹‹ئانامنىڭ سۇپرىسى›› دەپ ئىشلەت! ساڭا ئۈچىنچى قېتىم سۇپرا تىكىپ بەرگۈدەك ئۆمرۈم قالمىدى. مېنىڭ بالام بولساڭ سۇپراڭنى پاكىز تۇت، ئۇن ئۈزمە ھەم تاماق ئەتكەندە ھۆرمىتىنى قىل، دېدى.

  ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنداق بۇزۇلدى. كۆزۈمدە ياش، ئارانلا:

  كەچۈر ئانا، ئەمدى سۇپراڭغا ھەرگىز ئېتىبارسىز قارىمايمەن. بۇ ئۆيۈمنىڭ بەرىكىتى، دەپ ئىككى قوللاپ ئالدىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر