باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى

2016.05.26 13:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  - قايتىپ كەلدىڭىزما؟ قاراڭ، بىرسى سىزگە سوۋغات ئېلىپ كەپتۇ،- دېدى خوتۇنى ئىشتىن قايتىپ كەلگەن ئېرىگە.

  -بۇ گۈل نېمە دېگەن چىرايلىق، كىم ئەكەپتۇ؟- دېدى ئېرى ئاياغ ئىشكاپىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بىر تەشتەك گۈلگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ.

  -مەن سىرتقا نەرسە – كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەندە گۈل دۇكىنىدىكىلەر ئېلىپ كەپتىكەن، مەن ئۆيدە بولمىغاچقا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇپتۇ.

  ئەر خوتۇنىنىڭ كۆزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، گۈلگە سەپسېلىپ قارىدى. ئىنچىكە بامبۇك ياغىچى بىلەن تىرەك سېلىپ قويغان گۈلنىڭ بىر شېخىدا ئۈچ تال سۇس بىنەپشە رەڭلىك چېچەك ئېچىلغانىدى. يەنە بىر شېخىدا قېنىق بىنەپشە رەڭلىك ئىككى تال يوغان غۇنچە تۇراتتى. بىر قانچە تال يوپۇرماق تاشتەكنىڭ يېنىغا ساڭگىلاپ قالغانىدى.

  -ئۈستىدە يەنە بىر تال كارتوچكا باركەنغۇ، خوتۇنى شۇنداق دېگىنىچە كارتوچكىنى قولىغا ئالدى.

  كارتوچكىغا ‹‹تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، مەن سىزنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىمەن›› دەپ يېزىلغانىدى.

  -بۇنى كىم سوۋغا قىلغاندۇ؟- سورىدى خوتۇنى.

  -مەنمۇ ئۇقالمىدىمغۇ؟

  -قىزىق ئىشتە بۇ.

  خوتۇنى ئاياغ ئىشكاپىنىڭ يېنىدا تېخىچە ئايىغىنى سېلىپ بولالماي زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ئېرىگە قاراپ بىر نېمىلەرنى غۇدۇرىغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

  بالىلار ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ھۇجرىدا بىر – بىرىگە ئۇدۇل ئولتۇرۇشتى. خوتۇنى ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكچى بولۇپ قىزىل ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. بىراق ھېلىقى بىر تەشتەك گۈل ئەر – خوتۇن ئارىسىغا بىر قەۋەت كۆلەڭگە يېپىپ قويغان ئىدى. ئېرى خوتۇنىنىڭ كۆزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا تۇراتتى.

  -گەپ قىلماي ئولتۇرۇش ھەقىقەتەن زېرىكىشلىك بولىدۇ. سىز ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭ، ئازراقمۇ ئېسىڭىزگە ئالالمىدىڭىزما؟

  خوتۇنى ھە دەپ سوراۋەرگەچكە، ئېرى دۇدۇقلىغىنىچە ‹‹بەلكىم بۇرۇنقى قىز دوستۇم سوۋغا قىلغان بولسا كېرەك›› دېدى.

  -قانداق قىز دوستىڭىز ئۇ؟ ئىلگىرى ئەجەب تىلغا ئېلىپ باقمىغانتىڭىزغۇ؟

  خوتۇنىنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز تاتىرىپ كەتتى.

  -ئاچچىقلانماڭ، ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق مۇناسىۋەت ئەمەس.

  -سىز مېنىڭ قانداق ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟

  خوتۇنىنىڭ كۆزىنىڭ بىردىنلا ياشقا تولغانلىقىنى كۆرگەن ئېرى بىئارام بولدى. ‹‹چاتاق بولدى، مەن بۇنى ئۇنىڭدىن يوشۇرمىسام بوپتىكەن، ھەممىسى ئاشۇ گۈلنىڭ كاساپىتى، ئۇنى ھازىرلا تاشلىۋېتەي››. ئۇ خاپا ھالدا ئورنىدىن تۇرۇشىغا، يۈزى ياشتىن ھۆل بولۇپ كەتكەن خوتۇنى بوش ئاۋازدا ‹‹مەن چاقچاق قىلمىدىم، سىز مېنىڭ پوچېركامنى تونۇيالماس بولۇپ قاپسىز›› دېدى.

  مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر