باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

جۈملە تۈزۈش

2016.05.26 13:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنىپ مۇدىرى لى مۇئەللىم بىر كۈنى ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹...غا ئوخشايدۇ، ...غا ئوخشايدۇ›› دېگەن سۆزگە جۈملە تۈزگۈزدى. كۇي شاۋچۈن ئىسىملىك ئوقۇغۇچى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ:

  ـ مۇئەللىم مەن تۈزەي، دېدى.

  كۇي شاۋچۈن ئالدىنقى مەۋسۇم يېزىدىن كەلگەنىدى. ئۇ مەكتەپكە دائىم داڭلىق ماركىلىق كىيىم كىيىپ، داڭلىق ماركىلىق سومكا ئېسىپ كېلەتتى. دەرس ۋاقتىدا سوئاللارغا ئاكتىپ جاۋاب بېرەتتى، بىراق جاۋابى كۆپىنچە خاتا بولۇپ قالاتتى، دەرس نەتىجىسىمۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ئارقىدا ئىدى.

  لى مۇئەللىم كۇي شاۋچۈننى پۇلدار ئائىلىنىڭ بايۋەتچىسى دەپ قاراپ، بەزى قىلىقلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى. لى مۇئەللىم ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.

  كۇي شاۋچۈن خۇشاللىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب بەردى:

  ـ ئاكام كۈندۈزدە دادامغا ئوخشايدۇ، كەچتە ئانامغا ئوخشايدۇ.

  بۇ چاغدا سىنىپتا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى، لى مۇئەللىم ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كېتەي دېدى.

  دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن لى مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا كىرىپ كۇي شاۋچۈننىڭ دەرسخانا ئىنتىزامىنى بۇزغانلىق ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى ھەمدە ئۇنى باشقا سىنىپقا يۆتكىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى ‹‹ئاۋۋال تەكشۈرۈپ باقايلى›› دەپ جاۋاب بەردى.

  بۈگۈن لى مۇئەللىم مەكتەپتىن قايتاشىدا توكسىكلىتىنى مىنىپ بىر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىرسىنى كۇي شاۋچۈنگە ئوخشىتىپ قالدى، يېقىن بېرىپ قاراپ بېقىۋېدى، دەرۋەقە كۇي شاۋچۈن سېمونت تاختىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

  ـ كۇي شاۋچۈن، نېمىشقا ئۆيگە قايتمىدىڭ؟

  ـ ئاكام مۇشۇيەردە ئىشلەيدۇ، بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتىمەن.

  لى مۇئەللىم شۈبھىلىنىپ سورىدى:

  ـ ئاكاڭ دېھقان ئىشلەمچىمۇ؟

  ـ ئۇ قۇرۇلۇش ئىشچىسى، ئۇ بۇ شەھەردە نۇرغۇن بىنا سالدى. ئۇ پۇل تېپىپ مېنى شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ، ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيگۈزۈۋاتىدۇ، دېدى ئۇ ئىپتىخارلىق بىلەن.

  ـ ئاتا – ئاناڭچۇ؟

  ـ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، مەن ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان.

  لى مۇئەللىمنىڭ شۇ ھامان كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆزى نەملەشتى. ئۇ كۇي شاۋچۈنگە:

  ـ مەن ماڭغاچ تۇراي، سەن ئاكاڭنىڭ گېپىنى ئوبدان ئاڭلا، تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلە، دېدى.

  كەچتە لى مۇئەللىم ئۆيىدە زادىلا ئولتۇرالماي قالدى، ئاخىرى ئېرىگە بىر ئوقۇغۇچىسىنى يوقلاپ كېلىشكە بىللە بېرىشنى ئېيتتى. ئۇلار كۇي شاۋچۈن بىلەن ئاكىسى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆينى تاپتى. بۇ بىر قەۋەتلىك بىر ئېغىز ئۆي بولۇپ، دېرىزىنىڭ بىر پارچە ئەينىكى يوق ئىدى. كۇي شاۋچۈن بىر رادىيونى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى، ئاكىسى كىر يۇيۇۋاتاتتى.

  بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ لى مۇئەللىمنىڭ قۇلاق تۈۋىدە توساتتىن كۇي شاۋچۈننىڭ دەرس ۋاقتىدا تۈزگەن جۈملىسى جاراڭلىدى: ‹‹ئاكام كۈندۈزدە دادامغا ئوخشايدۇ، كەچتە ئانامغا ئوخشايدۇ››.

  لى مۇئەللىم ئۆزىنى زادىلا تۇتۇۋالالمىدى، ئۇ ئېرىنى چەتكە تارتىپ يىغلاپ تۇرۇپ جۈملە تۈزۈش ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردى.

  ئېرى ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ:

  ئەتە دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ‹‹سېنىڭ تۈزگەن جۈملەڭ تولۇق نومۇرغا ئېرىشتى›› دەڭ، دېدى.

  ئەسقەر ئەھمىدى تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر