باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سېنى كۆرۈپ تۇراي

2016.05.26 13:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپام بىزنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدا كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقىمغا پۇشايمان قىلدىم. شۇنچە كۆپ ئاغرىقنى ساقايتقانىدىم، بىراق ئاپامنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشقا ئامال قىلالمىدىم.

  راك ھۈجەيرىسى ئاپامنىڭ كۆكرەك قىسمىغا تاراپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. ئاپام ھەر بىر يۆتەلگەندە قان ياندۇراتتى. بۇ ھالنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىيتتى. بىراق ھېچقانداق ئىلاج قىلالمايتتىم، ئەڭ ياخشى تاشقى كېسەللىكلەر مەسئۇل ۋىراچى دېگەن نامىممۇ ئەسقاتمايۋاتاتتى.

  چۈشتىن كېيىن، قۇياش نۇرى كېسەل كارىۋىتىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئاپامنىڭ كۈمۈش رەڭ چېچىنى ئاستا تارىدىم، ئاپام كېيىنكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى: ‹‹دوختۇرخانىدىن چىقسام شەھەردە ھەرگىز تۇرمايمەن، بۇ يەر بەك ۋاراڭ – چۇرۇڭكەن، سۇلار شارقىراپ ئاقىدىغان يېزىدا تۇرىمەن. بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال كىيىملىرىمنى تەييارلاپ قويغانىدىم، بىراق بىر كۆڭلەكنى تەييارلاپ بولالمىدىم، ئۇنى چاققانراق تەييار قىلىپ قويۇڭلار››. ئاپام ئەزەلدىن گۈزەللىكنى، پاكىزلىقنى سۆيەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئادىتى ھازىرغىچە قالمىغانىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ ئاشۇنداق پاكىز كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

  ئاپام ياتقان ياتاق بىلەن ئىشخانام بىرنەچچە قەدەملا كېلەتتى، بىراق ئاپام بىرەر قېتىممۇ مېنى ياتىقىغا چاقىرتىپ باقمىدى. ھەر قېتىم قېشىغا كىرسەم ‹‹ئاغرىقلار سېنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىق›› دەپ مېنى قوغلاپ تۇراتتى. بىراق بىلىمەن، ھەر قېتىم ئاپامنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتكىنىمدە، ئۇ قىيمىغان ھالدا ئارقامدىن قارام يىتكۈچە قاراپ ياتاتتى. مەن ئاپام بىلەن بىللە بولغان بەختلىك كۈنلەرنى مىنۇت بىلەن ھېسابلىسام، ئاپام مېنى كۆرگەن ۋاقىتنى سېكۇنت بىلەن ھېسابلاپ تۇراتتى.

  بىر كۈنى بىر ئاغرىقنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن گەپ تەگىشىپ قالدىم، كەيپىياتىم ناچار بولغاچقىمۇ، ئۆزۈمدىن بىرنەچچە قەدەم نېرىدا تۇرغان ئاپامغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. ياش بىر قىزنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەنىدى، دەل شۇ چاغدا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىر يىگىت دوختۇرخانىغا كەلدى. دوختۇرلۇق مەسئۇلىيىتىم بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئوغلىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلىشقا نەسىھەت قىلدىم. يىگىتنىڭ دادىسى قوشۇلدى، ئاپىسى مېنى ‹‹دوختۇر بولۇشقا، ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسكەنسىز، سىز ئانىنىڭ قەلبىنى پەقەت چۈشەنمەيدىكەنسىز، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوغلۇمنىڭ بىر تال مويىغا تېگىشىگە يول قويمايمەن›› دەپ ۋارقىراپ كەتتى. دوختۇر بولۇپ بۈگۈنگىچە بۇنداق قىيىن ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدىم. بىر تەرەپتىن، قىزنىڭ ئاپىسى يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن، يىگىتنىڭ ئاپىسى قوشۇلمايۋاتقان، ئاخىر نەسىھىتىمنى توغرا تاپمىغان ئانا ئازاب ئىچىدە تەلۋىلەرچە ۋارقىراپ كەتتى:

  ـ نېمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلىشقا كۆندۈرمەيسىز؟

  ـ مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. شۇنداق، سالماقلىق بىلەن ئويلانسام، مەن شۇنداق قىلالامدىم؟

  بىر چاغدا مېنى چاقىرغان تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئاپام يۇم – يۇم يىغلىغىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

  ـ بالام، مېنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردەمنى ئۇ قىزغا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ دېدى ئاپام.

  ئىشخانا ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى، قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم، بۇ سۆزنى ئاپام قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ ئاپام ئەزەلدىن بىرەر ئەزاسىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىغىمۇ قىيمايتتى، بىراق ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىن كەمتۈك ھالدا كېتىشىنى خالاۋاتاتتى. ھەممىمىز ئاپامغا تىكىلگەنىدۇق، ئۇنىڭ چىرايىدا توساتتىن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىزىللىق پەيدا بولدى. ئاپام تەسلىكتە ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

  ـ بالام سېنى كۆرۈپ تۇرغۇم بار، مېنى كۆرگىلى قوي!

  كۆز يېشىم تاراملاپ تۆكۈلدى، بۇ مېنىڭ ئاغرىقلار ئالدىدا تۇنجى قېتىم كۆز يېشى قىلىشىم، بىلىمەن، بۇ ئاپامنىڭ خوشلىشىش ئالدىدا مەن ئۈچۈن قىلغان ئاخىرقى ئىشى. ئاپام ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندىن باشقا، مېنىڭ ئوسال ئەھۋالدا قېلىشىمنى خالىماي مۇشۇنداق قىلىۋاتاتتى.

  كېيىن يىگىتنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئۇ قىزغا تەقدىم قىلىشقا قوشۇلدى، چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئاپامنىڭكىدىن ياش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇمۇ ئوغلىنىڭ كۆزىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئاپامنىڭ سۆزىدىن مۇھەببەتنى ئەسلىدە مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى.

  ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر