باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىككى بېلىق تۇتقۇچى

2016.03.31 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر ياش كۆل بويىغا كېلىپ بېلىق تۇتماقچى بوپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ بىر بېلىق تۇتالايدىغانلىقىغا بەكلا ئىشىنىدىكەن. ئەمما بىر كۈن ھەپىلىشىپمۇ ھېچنېمە تۇتالماپتۇ. بىر قانچە جايغا ئالماشقان بولسىمۇ، يەنىلا بېلىق قارماققا ئىلىنماپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا بىر بوۋاي بېلىق تۇتۇۋاتقان بولۇپ، ئىشلەتكەن قارمىقى ئۇنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، ئەمما بوۋاي توختاۋسىز بېلىق تۇتىدىكەن.

  بوۋاينىڭ سېۋىتىدىكى چوڭ بېلىقلارنى كۆرۈپ، ياشنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ، بوۋايدىن:

  -بوۋا، ئىككىمىز ئىشلەتكەن قارماق ئوخشاشكەن، ئولتۇرغان ئورنىمىزمۇ بىر يەردە، نېمىشقا سىز كۈچىمەيلا چوڭ بېلىقلارنى تۇتالايسىز، مەن ھېچنېمىنى تۇتالمايمەن؟- دەپ سوراپتۇ.

  بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ:

  -مەن بېلىق تۇتقاندا ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا بىلىمەن، بېلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەيمەن. قولۇم جىم تۇرۇپلا قالماي، ھەتتا كۆزۈمنىمۇ چوڭراق ئاچمايمەن، يۈرىكىممۇ ھەرىكەتتىن توختاپ قالغاندەك بولىدۇ، بېلىقلار مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ئاڭقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خاتىرجەم ھالدا قارمىقىمنى چىشلىشىدۇ؛ سىزچۇ، بېلىق قارماققا ئىلىندىمۇ، دەپ توختىماي قارايسىز، كەيپىياتىڭىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قەلبىڭىز تىنىچلانمايدۇ، بېلىق سىزنى كۆرسە نېرى قېچىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىز قانداق بېلىق تۇتالايسىز؟- دەپتۇ.

  بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كالتە پەملىكىنى بىلەلىسە، ئاندىن ئىشلىرىدا نەتىجە كۆرەلەيدۇ؛ باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىلا كۆرۈپ، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەرنى ئىزدىمىسە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر