باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ھاياتنىڭ باھارى پەقەت بىر قېتىم

2016.03.31 15:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن كېچە سېنى چۈشۈمدە كۆردۈم. ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، ئەزىزىم، ‹‹سېنى ئەسلىسەم چۈشۈڭگە كىرىمەن›› دېگەن سۆزلىرىڭنى، ئەقىل كۆزۈمنى كور قىلغان ياڭراق كۈلكەڭنى، مۇھەببەت گۈللىرىمىزنى تەڭ ئېچىلدۇرۇشقا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى. ئىقرارمەن، شۇ چاغلاردا ئىسمىڭنى يادلىمايدىغان بىرمۇ ھۈجەيرەم يوق ئىدى. ئالدىڭدا سۆيگۈ دېڭىزىنىڭ رەھىمسىز دولقۇنلىرى قورشىۋالغان تەنھا قولۋاق ئىدىم. نېرۋىلىرىم مېڭەمنىڭ كونتروللۇقىغا بويسۇنمايتتى، خىيال بوشلۇقۇمنى سەنلا ئىگىلىۋالغانىدىڭ. ئىككى يۈرەكنىڭ تىۋىشلىرىنى خۇپىيانە يەتكۈزىدىغان خەۋەرچى قۇش بارمىدۇ دەپ خىيال قىلاتتىم. سېنى ئەسلىگىنىمدە، سېنىڭدىن خەۋەر بولمىغاندا خىيالىم قاپقارا بۇلۇتلارنى ماڭا ھەدىيە قىلاتتى، پۇت – قوللىرىم قولاشمايۋاتقاندەك، كۆز ئالدىمدا سېھىرلىك پەردە ھاسىل بولغاندەك جىلە بولاتتىم، كىملەرنىدۇ تىللىغۇم كېلەتتى...

  مەن قورقاتتىم، ‹‹يېنىمدا باشقا بىرى، قەلبىمدە باشقا بىرى›› مەۋجۇت بولۇشتىن. مەن شائىر ئەمەس، ئەمما بىلسەڭ ئىدىڭ، ھەر بىر جۈملە سۆزلىرىڭنى قەلب يارىسىغا شىپا بولىدىغان گۈزەل شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ، قەلب قەسىرىمنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بەرگىنىمنى.

  بەزىلەر ئېيتىشاركەن، جۇدالىقتىكى ئاشىقلىق يۈرىكىڭگە سانجىلغان تىكەنگە ئوخشايدۇ، دەپ. راست، ئۇنى كولاپ ئېلىۋەتسەڭ يۈرىكىك قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئۇ تىكەننى يۇلۇۋېتىشكە قىيالمايسەن، يۈرىكىڭنىڭ گاھى شۇنداق ئاغرىشىنى خالاپمۇ قالىسەن، ئۇزاققا بارماي يىلتىزى بىلەن قوشۇپ چىقىرىۋېتىسەن، ئەمما ئۇ تىكەننىڭ ئورنىغا يېڭى بىر تىكەن كۆكلەيدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ ئەخمەق ھەم ساددا چاغلىرىڭغا كۈلگۈڭ كېلىدۇ. ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، گاھىدا بىرەر قامەتلىك گەۋدىنى ئۇچرىتىپ قالسام، سېنىڭ كېلىشكەن بەستىڭگە ئوخشىتىپ خېلىغىچە ئارقىسىدىن قاراپ قالغىنىمنى، سېنى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۈمىدلىنىپ، ھازىرلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئىسمىمنى چاقىرىدۇ دەپ ئىنتىزار بولغىنىمنى، ئۇ گەۋدىنىڭ ناتونۇش ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە، ئامراق ئويۇنچۇقىنى يىتتۈرۈپ قويغان بالىدەك، ئېيتالمىغان سۆزلىرىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بوينۇمنى قىسىپ يولۇمغا راۋان بولغانلىقىمنى.

  ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، ئىلگىرى ئىككىمىز يانمۇ يان ماڭغان گۈللۈكتە يالغۇز كېتىۋېتىپ، بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىپ رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەرنى كۆرگىنىمدە، سېنى سېغىنغىنىمنىڭ شاھىتى قىلىپ، ئۆز قولۇم بىلەن ساڭا ئاتاپ ئۈزگەن قىزىل گۈلنى خېلى كۈنلەرگىچە ساقلىغانلىقىمنى، شۇ ۋاقىتتا خىيالىمدا پەقەت سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ بولغاچقىلا، قانچىلىغان تىكەنلەرنىڭ سانجىلغىنىنى سەزمىگەنلىكىمنى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چىرايلىق ئېچىلغان قىزىل گۈللەرنى كۆرگىنىمدە خۇددى قويۇق تۇمان ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ، كۆز ئالدىم غۇۋالاشقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى.

  ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، ئەزىزىم، سېنى ئىزدىگەنلىرىمنى ماڭغان ئىزلىرىڭدىن، خىيال باغلىرىمدىن، چۈش قەپەسلىرىمدىن، رىۋايەت – ئەپسانىلەردىن. سېنى ئىزدەۋېرىپ ھېرىپ قالغىنىمدا خۇش تەبەسسۇمىڭ خاسىيەتلىك يامغۇرغا ئايلىنىپ قەلب گۈللىرىمگە ماغدۇر ئاتا قىلاتتى، يەنە غەيرەتكە كېلىپ سېنى ئىزدەيتتىم. بىر كۈنى چۈشۈمدە كۆرگەندەك بىر گۈلزارلىققا كىرىپ قالدىم، بۇ يەردە سېنى ئەمەس، ھەقىقىي ئۆزۈمنى ئۇچراتتىم. ئۈمىدكە تولغان سەبىي باھارنى، دىللارنى رام قىلىدىغان ئايدىڭ ئاخشامنى، كۆڭۈلنى خۇمار قىلىدىغان گۈل غۇنچىلىرىنى كۆردۈم، بۇلارلا ئەمەس، يەنە قېلىن قارغا كۆمۈلگەن قاقشال گىياھنى، ئاشىق مېھرىگە تەشنا بولۇپ شۇ پېتىلا قېتىپ قالغان چېچەكلەرنى كۆردۈم. كۆزۈمنى مەھكەم يۇمۇپ نۇرغۇن گۈللەرنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالدىم، قار ئاستىدا قالغىنى سېنىڭ ئىسمىڭنى تولا يادلاپ مۇزلاپ قالغان گۈل ئىكەن. كېلەر قېتىم باھار كەلگەندە مۇز ئېرىپ بۇ گۈل يەنە كۆكلەيدۇ دەپ ئۈمىد كۈتمىگىن. كۆكلىسىمۇ سەن ئۈچۈن كۆكلىمەيدۇ. چۈنكى ھاياتلىق باھارى پەقەت بىر قېتىم!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر