باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

باھار تىنىقلىرى

راھىلە توختى

2016.03.31 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھار تىنىقلىرى ئىچىمگە سىڭىپ، سۆزۈمدە قېنىپ، كۆزۈمدە يېتىپ، ماڭا ئېرىشىش بىلەن مەھرۇم بولۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى. ئېرىشىش بىلەن مەھرۇم بولۇش باش – ئاخىرى مەۋھۇم چىغىر يوللارغا تۇتاشقان بولغاچقا، بۇ يوللار گاھى ئوڭ يۈزىنى كۆرسەتسە، گاھى تەتۈر يۈزىنى كۆرسىتىدىكەن. مەن گاھىدا خۇشال، گاھىدا غەمكىن ھالدا ھاياتلىق يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا تىلىم بىلەن دىلىم باھار تىنىقلىرىغا ئەگىشىشنى ئىستەيدۇ. باھاردىكى شوخ، لېۋەن تىنىقلار يۈزۈمگە ئۇرۇلۇپ تۇرسا مەن قانداقمۇ يۈزۈمنى ئۆرۈپ كېتەي؟ دۇنيادا يۈز ئۆرۈپ كېتىشتىن ئارتۇق گۇناھ بولمىسا كېرەك؟! مەن بۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغۇچى. چۈنكى مەن باھارغا بېغىشلانغان قۇشمەن. باھار تىنىقلىرى زىمىستانغا تاشلانغان گۈلخان. ئەي قۇش، گۈلخاننىڭ تەپتىنى ئۇلغايتىش ھاياتىڭنىڭ يۈكسەك پەللىسى ئىكەنلىگىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمىغىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر