باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

زەپ چىرايلىق كۈلۈپ كەلدى يېڭى يىل

ئەھمەت نىياز دېھقانى (ئاۋات ناھىيە غورۇچۆل بازىرى ئاراگېرەم كەنتىدە)

2015.12.30 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئانا ۋەتەن قۇچىقىنى-كۆكسىنى،

  باغاش ئېتىپ سۆيۈپ كەلدى يېڭى يىل.

  ھەممە ئىشتا قۇچۇپ شان ۋە تۆھپىنى،

  زەپ چىرايلىق كۈلۈپ كەلدى يېڭى يىل.

  ھەممە ئىشتا بولدى ئۆرلەش-يۈكسىلىش،

  ھەممە جايدا بولدى يېڭى ئۆزگىرىش.

  ھەممە جايدا قىلىندى كۆپ يېڭى ئىش،

  زەپ چىرايلىق كۈلۈپ كەلدى يېڭى يىل.

  ھەممە جايدا بەزمە-مەشرەپ قاينىدى،

  بارچە دىللار خۇشال كۈلۈپ يايرىدى،

  ھەممە جايدا تېنىچلىق كۈيى ياڭرىدى،

  زەپ چىرايلىق كۈلۈپ كەلدى يېڭى يىل.

  ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى تۈگىتىپ،

  ئەۋلاتلارغا بىلىم، ئەخلاق ئۆگىتىپ،

  بىلىم بىلەن دىل بېغىنى گۈللىتىپ،

  زەپ چىرايلىق كۈلۈپ كەلدى يېڭى يىل.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر